ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرۇش ھەققىدىكى بىر تەكلىپ لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنۇلغانىدى. 3-ئىيۇل كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان سەلچۇق تۈركئوغلۇ سۇنغان بۇ تەكلىپ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» رەسمىي قۇرۇلغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ 14-ئىيۇل كۈنى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزدى. مەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن مەن ئەزاسى بولغان كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش توغرىسىدا تارماق كومىتېت قۇرۇش تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغانىدىم. ئامېرىكادىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ئىسلام قورقۇنچى كومىتېتى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغانىكەن. بىز 14-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە مەزكۇر كومىتېت رەسمىي قۇرۇلدى» .
سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ ھەقتە تەدبىر ئېلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي زۇلۇمى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەردى بىزنىڭمۇ دەردىمىز. بۇ زۇلۇمنى توسۇش، يوقىتىش، تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم، زۇلۇم سىياسىتىنى توسۇش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىش مېنىڭ ۋە پارتىيەمىزنىڭ مىللىي بۇرچىدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىزنى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بەرسە، بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز» .
ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان، سابىق تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى دەريا يانىق خانىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغانىدى.
ئۇچرىشىشتا بۇ ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشى، دوكلاتلارنى تەييارلاپ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇشى، بولۇپمۇ ئىسلام قورقۇنچى، يەنى ‹ئىسلامفوبىيا› ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان. دەريا يانىق خانىم مەزكۇر ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ ئىجابىي جاۋاب بەرگەنىدى.
تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان 12 نەپەر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان 6 نەپەر، يېشىل سول پارتىيەسىدىن بولغان 3 نەپەر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن 2 نەپەر، ئىيى پارتىيەسىدىن بولغان 2 نەپەر، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسىدىن 2 نەپەر بولۇپ، جەمىي 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىپ تاپقان. مەزكۇر كومىتېت تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنىدىكەن. ئۇنداقدا بۇ كومىتېتنىڭ تارمىقى بولغان «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىش قىلالامدۇ؟ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇنداق بىر كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى ياخشى ئىش. بۇلار بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ماتېرىيال توپلاپ، دوكلات تەييارلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە پارلامېنتقا سۇنىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتقا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ» .
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تارمىقىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كومىتېت قۇرۇلغانلىقىدىن خوش بولغانلىقىنى، بۇنىڭ باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگىمۇ ئۆرنەك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھالبۇكى بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ لايىھەلىرى رەت قىلىنغانىدى.مەسىلەن، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 4 ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» ، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن پارلامېنتتا مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان. تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 98-ماددىسىغا، تۈركىيە پارلامېنتى نىزامنامىسىنىڭ 104 ۋە 105-ماددىسىغا ئاساسەن سۇنۇلغان مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان. ھالبۇكى، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى بىلەن رەت قىلىنغانىدى.
