پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ بىلەن دوغان بەكىن: «تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ ‹خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى› ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلىمىز»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشى، شۇنىڭدەك ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتىدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىشى، خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلماقتا. 30-31-ئۆكتەبىر كۈنلىرى توكيودا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئىككى نەپەر تۈرك پارلامېنت ئەزاسى 6-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسىنىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بەكىن بىلەن «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئالدى بىلەن دوغان بەكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك مۇخبىرلار، ھەممىڭلار خوش كېلىپسىلەر. ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 30-31-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا ‹خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى› چاقىرىلدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەرگە دۇنيادىكى 25 دۆلەتتىن 80 نەپەرگە يېقىن سۆزلىگۈچى مۇتەخەسسىس ۋە 70 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 3 سىياسىي پارتىيەدىن 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى مۇنبەرگە قاتنىشىپ سۆز قىلدۇق. »

تۈركىيەنىڭ تۆت پارلامېنت ئەزاسى ياپونىيەدىكى پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە خانىم بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. سولدىن ئوڭغا، سەلچۇق ئۆزداغى دوغان بەكىن، مۇھاممەت ناجى جىنىسلى، ئارفىيە ئېرى (ئەرفىيە ئېلى)، دوغان بەكىن ۋە ئاييۈجە تۈركەش تاش. 2023-يىلى ئۆكتەبىر، توكيو
تۈركىيەنىڭ تۆت پارلامېنت ئەزاسى ياپونىيەدىكى پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە خانىم بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. سولدىن ئوڭغا، سەلچۇق ئۆزداغى دوغان بەكىن، مۇھاممەت ناجى جىنىسلى، ئارفىيە ئېرى (ئەرفىيە ئېلى)، دوغان بەكىن ۋە ئاييۈجە تۈركەش تاش. 2023-يىلى ئۆكتەبىر، توكيو (RFA/Erkin Tarim)

دوغان بەكىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلىرىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭمۇ كۈچ چىقىرىشى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا قارار ماقۇللىشىمىز كېرەك. »

ئۇ، تۈركىيە پارلامېنت بىناسى ئىچىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باياناتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسىدىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ‹دوستلۇق گۇرۇپپىسى› شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يىغىن چاقىردى. بۇنداق بىر يىغىننى نېمىشقا بىزنىڭ پارلامېنتىمىز ئاچمىسۇن؟ مەن بىزنىڭ پارلامېنت رەئىسىمىزدىن بۇنداق بىر يىغىننى تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ ھەقتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىلتىماس قىلىمەن. »

ئارقىدىن ياپونىيەدىكى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى دوغان بەكىن ئەپەندى، ئىيى پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىم ۋە مەزكۇر پارتىيەنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مۇھاممەت ناجى جىنىسلى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن توكيوغا باردۇق. باشقا پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇلار بارمىدى. بىز ئۈچ پارتىيەدىن بولغان 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى توكيوغا باردۇق. مۇنبەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باش تېما سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خوڭكوڭدا دېموكراتىك سىستېمىنىڭ ۋەيران بولۇشى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي جىددىيچىلىك، خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتى قاتارلىق تېمىلارمۇ مۇھاكىمە قىلىندى. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇر تۈركلىرى دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، چەت ئەلدىمۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەر جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى، پايدىلىق بىر يىغىن بولدى. مەنمۇ تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن. »

تۈركىيەدە ھۆكۈمەتنى قوللاپ كېلىۋاتقان «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى بولغان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا بىرلىكتە بايانات بېرىشى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ياخشى بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى: دۇنيا پارلامېنتلار كېڭىشى» يىغىنىغا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئاساسلىق چوڭ پارتىيەلەردىن بولغان 15 نەپەر ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىق خانىممۇ بار ئىدى، لېكىن ئۇلار كېلەلمىگەن.