تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «روزى ھېيىتنى ۋەتەن سېغىنىشى ئىچىدە يېڭى ئۈمىدلەر بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز»

0:00 / 0:00

2-ماي كۈنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىدىن بىرى بولغان روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى. مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مۇڭ، قايغۇ، سېغىنىش گىرەلىشىپ كېلىدىغان، ھىجران ئوتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىدىغان، شۇنداقلا ۋەتەن سېغىنىشى ئىچىدە يېڭى ئۈمىدلەر بىلەن كۆڭۈللەرگە تەسەللىي بېرىدىغان كۈن ئىكەن.

بۇ يىل روزى ھېيتتا تۈركىيەدە 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى. 2020-يىلىدىن بۇيان دۇنياغا تېز سۈرئەتتە يامرىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نورمال ھاياتىغىمۇ زور داۋالغۇشلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. 5 يىلدىن بۇيان ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار كورونا ۋاباسىدىن كېيىن بۇ يىل روزى ھېيتىنى تۇنجى قېتىم چەكلىمىسىز ئۆتكۈزمەكتە. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2-ماي كۈنى، يەنى دۈشەنبە كۈنى ھېيت نامىزىنى ماسكا تاقىماي چەكلىمىسىز ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆزئارا ھېيتنى تەبرىكلىشىپ، زەرەتكارلىققا بېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ دۇئا قىلىشقان. بىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان كونيا، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيتنى ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيىت نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم لىدىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوختۇر ئابدۇلكېرىم بۇغرا ئەپەندى روزى ھېيتتا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىدار كۆرۈشۈپ ئۆز ئارا ھېيىتلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت نامىزىنى تۈركىستان مەسچىتىدە ئوقۇپ، مىللىي كېيىملىرىنى كېيىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ھېيىت پەتىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان كونيا شەھرىدە 110 ئائىلە ئۇيغۇر بارلىقى مەلۇم. ئۇنداقتا، ئۇلار روزى ھېيىتىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن ئەپەندى كورونا ۋاباسىدىن تۈپەيلىدىن تۈركىيەدە 2 يىلدىن بۇيان ھېيىت نامىزى ئوقۇش بەزى چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چەكلىمىسىز ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئۆزئارا ھېيىت پەتىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ قارابۈك شەھىرىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدە ماگىستېرلىق ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان ئەركىن ئەپەندى 6 يىلدىن بۇيان ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر كۆڭلى يېرىم ھالدا ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇسىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇپ ئەركىنلىك ئىچىدە ھېيىت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم بىر بىمار قازا قىلغاندىن كېيىن، ئاۋامنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ماسكا تاقىشى شەرت قىلىنغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ، مەسچىتلەردە ھېيىت نامىزى ئوقۇش چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىدى. ھازىر بارلىق چەكلىمىلەر بىكار قىلىندى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئوپچە ھېيت ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.