تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇر دوستى نامزات كۆرسىتىلدى

0:00 / 0:00

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان 26 سىياسىي پارتىيە پارلامېنت ئەزالىق نامزاتلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرمەكتە. ئۇنداقتا مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ پارلامېنتقا كىرسە، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلار؟

بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئاساسەن ئىككى چوڭ ئىتتىپاق ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان بولۇپ، بىرى ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، ئۇنى قوللاۋاتقان «مىللەتچى ھەرىكەت» پارتىيەسى، «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى، «يېڭىدىن رەھاف» پارتىيەسى ۋە «خۇدا پار» پارتىيەسىدىن تەركىب تاپقان «جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىدۇر. يەنە بىرى بولسا ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، «ئىيى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى، «دەۋ» پارتىيەسى، «ئادالەت» پارتىيەسى ۋە «سائادەت» پارتىيەسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «مىللەت ئىتتىپاقى» نامىدىكى گۇرۇپپىدۇر. مەزكۇر پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى، «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى قاتارلىقلار قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كەلمەكتە. «ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدە قانۇن لايىھىلىرى سۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى. 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامدا ئوخشىمايدىغان پارتىيەلەردىن مۇستافا دەستىچى، فاھرەتتىن يوقۇش، سەلچۇق ئۆزداغ، بۇغرا قاۋۇنجۇ، ئۇيغۇر پويراز، رىدۋان ئۇز ۋە دوغان بېكىن قاتارلىق كۆپ ساندا كىشى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدىن نامزات كۆرسىتىلدى. بۇلار سايلانغان تەقدىردە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى قايتا سايلىنىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئورۇن ئالسا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىزنىڭ مىللىي دەۋايىمىز. پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ، پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. مەلۇم بولغىنىدەك بۇ ھەقتە كۆپ خىزمەت قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا 4 تىلدا دوكلات تەييارلاپ تارقاتتۇق. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ھەر دائىم تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇشقا تىرىشتۇق ۋە كۆپ قېتىم قانۇن لايىھەسى سۇندۇق».

ئۇ، بۇندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سايلامدا ھۆكۈمەت ئالماشسا، بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالىدىغان بولغاچقا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلمىغان ئەمەللىرىنى توختىتىشقا تىرىشىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمەن».

بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ مۇغلا ۋىلايىتىدىن نامزات كۆرسىتىلگەن «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز سايلامدا ئۇتۇپ چىقساق بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مىللىي مەسىلە دەپ قارايمىز».

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلامغا 25 سىياسىي پارتىيە قاتنىشىدىغانلىقىنى، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پارلامېنتقا كىرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنىڭ تۇغىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى، پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىندى. ئەمما ھازىرچە قايسى پارتىيەنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى ۋە ئەردۇغاننىڭ قايتىدىن پرېزىدېنت بولالىشى ئېنىق ئەمەس.