تۈركىيەنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى 28-مايدا قايتا ئۆتكۈزۈلمەكچى

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق، يەنى دۆلەت باشلىقى ھۆكۈمەت قۇرىدىغان تۈزۈمگە ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا ھېچقانداق نامزات ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %50 تىن كۆپىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى.

تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى باشلىقى ئەخمەت يەنەر ئەپەندى 14-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەردى. ئۇ، پرېزىدېنت سايلىمىنى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى قايتا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ سايلامدا جاپالىق ئىشلىگەن خىزمەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيە ئىچىدە تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ساناپ بولدۇق. مەملىكەت ئىچىدە خەلقىمىزنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %88.92 نى، چە ئەلدە تۇرۇۋاتقان تۈركلەرنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %52.69 نى ئىگىلەيدۇ. پرېزىدېنت نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتۈن ئاۋازنىڭ %49.50 نى، كەمال قىلىچدارئوغلۇ %44.89 نى، دوكتور سىنان ئوغان %5.17 نى، مۇھاررەم ئىنجە بولسا %0.44 گە ئېرىشكەن».

تۈركىيە ئالىي سايرام كومىتېتى باشلىقى ئەخمەت يەنەر ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2023-يىلى ماي.
تۈركىيە ئالىي سايرام كومىتېتى باشلىقى ئەخمەت يەنەر ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2023-يىلى ماي. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەخمەت يەنەر ئەپەندى باياناتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بۇنداق ئەھۋالدا دۆلىتىمىزنىڭ 6271-نومۇرلۇق سايلام قانۇنىنىڭ-4 ماددىسىدا كۆرسىتىلگەندەك ھېچ قانداق نامزات يېتەرلىك ئاۋازنى ئالالمىسا سايلام قايتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك قانۇندىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنى قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش قارارلاشتۇرۇلدى. بۇ سايلىمىمىزنىڭ تۈرك خەلقى ۋە دۆلىتىگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن».

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، مەملىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇھەررەم ئىنجە ۋە دوكتور سىنان ئوغان قاتارلىقلار پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىنغانىدى. كەمال قىلىچدارئوغلۇ، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى بولغان «مىللەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان 6 پارتىيە ئورتاق كۆرسەتكەن نامزات ئىدى. مۇھاررەم ئىنجە بېلەت تاشلاشقا ئىككى كۈن قالغاندا نامزاتلىقتىن ئىستېپا قىلدى. قايتا سايلامدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ سايلىنىش-سايلىنالماسلىق. سىنان ئوغاننىڭ قايسى نامزاتنى قوللىشى بەلگىلەيدىكەن. ئۇنداقتا دوكتور سىنان ئوغان قايسى نامزاتنى قوللار؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ھاجەتتېپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ توغرىلىق كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، دوكتور سىنان ئوغاننىڭ سايلامدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى شەرتىنىڭ بارلىقىنى، بۇ شەرتلىرىنى قايسى نامزات قوبۇل قىلسا ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى پارلامېنت تۈزۈمىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1945-يىلى كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن. پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن سايلانغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت رەئىسىنى سايلايتتى. 2018-يىلى مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇ ھەقتە سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى مۇنداق دەپ يازغان: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەلق رايى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇندىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، پرېزىدېنت خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدۇ ۋە پرېزىدېنت ھەرقايسى مىنىستىرلارنى ئۆزى تەيىنلەيدۇ. پارلامېنت تۈزۈمىدە دۆلەت مىنىستىرلىرى ۋە مىنىستىرلار پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىن بولاتتى، ئەمما دۆلەت رەئىسلىك، يەنى پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدە ھەر قايسى مىنىستىرلار پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىن ئەمەس، سىرتتىن تاللىنىدىغان بولدى.»

5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلىكتە پارلامېنت سايلىمىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پارلامېنت ئەزا سانى 600 بولۇپ، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 268 ئورۇندۇققا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 52 ئورۇندۇققا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 169 ئورۇندۇققا، «ئىيى پارتىيەسى» 46 ئورۇندۇققا ۋە يېشىل سول پارتىيەسى 62 ئورۇندۇققا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى سايلامغا ھۆكۈمەت بىلەن شېرىك «جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى» نامىدا قاتناشقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان «ئىيى پارتىيەسى» دىن، كېلەچەك پارتىيەسىدىن ۋە يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسىدىن نامزات بولغان، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كۆپ ساندا كىشى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.