2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاش ئۈچۈن ئاۋاز بەردى. بۇ قېتىمقى سايلامدا چوڭ-كىچىك بولۇپ تۈركىيەدىكى 26 سىياسىي پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر دوستلىرى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.
5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا، تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 600 نەپەر بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 268 ئورۇنغا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 51 ئورۇنغا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 167 ئورۇنغا، «ئىيى» پارتىيەسى 44 ئورۇنغا، «يېشىل سول» پارتىيەسى 62 ئورۇنغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى سايلامغا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى 6 پارتىيەدىن تەشكىل تاپقان «مىللەت ئىتتىپاقى» نامىدا «دەۋا» پارتىيەسى 14، «سائادەت» پارتىيەسى 10 ئورۇنغا ئېرىشتى. مەزكۇر پارتىيەلەردىن بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن كىشىلەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. لېكىن بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى پالامېنتتا بىرمۇ ئورۇنغا ئېرىشەلمىدى.
بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئاساسەن ئىككى چوڭ ئىتتىپاق ئوتتۇرىسىدا بولغان بولۇپ، بىرى ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان 4 پارتىيەدىن تەركىب تاپقان «جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىدۇر. يەنە بىرى، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، «ئىيى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى، «دەۋا» پارتىيەسى، «ئادالەت» پارتىيەسى ۋە «سائادەت» پارتىيەسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «مىللەت ئىتتىپاقى» نامىدىكى گۇرۇپپىدۇر.
مەزكۇر پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسى، «كېلەچەك» پارتىيەسى، «سائادەت» پارتىيەسى ۋە «دەۋا» پارتىيەسى قاتارلىقلار قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كەلمەكتە. «ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدە قانۇن لايىھەلىرى سۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى. 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامدا ئوخشىمايدىغان پارتىيەلەردىن مۇستافا دەستىچى، فاھرەتتىن يوقۇش قاتارلىقلار قايتا سايلىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما سەلچۇق ئۆزداغ، ئىلياس توپساقال، بۇغرا قاۋۇنجۇ، رىدۋان ئۇز، بۇرجۇ كۆكسال، قوراي ئايدىن، فاتىھ ئەرباقان، شەنئول سۇئات، لۈتفۈ تۈركقان ۋە دوغان بېكىن قاتارلىق كۆپ ساندىكى كىشىلەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.
كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا ئەزا بولۇپ سايلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى، تونۇلغان ئوبزورچى نازىف ئوقۇمۇش ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەدە دۇنيا سىياسىتىنى كۆزىتىۋاتقان ھەممە ئادەمنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىلىدىغانلىقىغا، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەمنى يۈرىكىدە ھېس قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەپسۇسكى، بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى سىياسىي بېسىم ئاستىدا تۇرماقتا. شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى كۆپ بولغان بىلەن، ئۇلار بۇ ھەقتە سۈكۈتتە تۇرۇش يولىنى تاللاپ كەلدى.»
ئۇ، تۈرك خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى پارلامېنت ئەزالىرىدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سايلامدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى، دېيىشىمىز سىياسىي جەھەتتىن توغرا. لېكىن بۇ باشقا پارلامېنت ئەزالىرى بىلمەيدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنى تۈركىيەدە ھەممە ئادەم ئاساسەن بىلىدۇ. لېكىن بۇنى بىلمەسلىككە سېلىۋېلىش سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىدىن كېلىپ چىققان. يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقارمۇ دېسىڭىز، بىز شۇنداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى تۈرك خەلقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېزىلگەن، يوق بولۇش گىردابىغا يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى كۈتمەكتە.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ھاجىتتېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى سايلامدا تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن 600 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىچىدە مىللەتچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى؛ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى ئاڭلاتسا، كېيىنكى نۆۋەتلىك تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان بەزى قارارلارنى چىقارغىلى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، ئۆتكەن نۆۋەتلىك پارلامېنتتا «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنلىكىنى؛ نۆۋەتتىكى پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرەر قارار چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى پرېزىدېنت سايلىمى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سايلامدا ھېچبىر نامزات ئومۇمىي ئاۋازنىڭ 50 پىرسەنتتىن كۆپرەكىگە ئېرىشەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن 28-ماي كۈنى قايتا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى قايتا سايلامغا چۈشمەكچى.