تۈركىيەدە 28-ماي ئۆتكۈزۈلگەن قايتا سايلامدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋازنىڭ 52% نى ئېلىپ تۈركىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ئىدى. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى يېڭى ھۆكۈمەت كابىنېتى قۇرۇلدى.
تۈركىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت كابىنېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىچكى سىياسىتى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي سىياسىتى تۈركىيەلىكلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، ئەمما بۇ قېتىمقى سايلامغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يېڭى كابىنېتنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە تۇتۇشىدۇر. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭمۇ خۇددى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقانلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى رەھبەرلىك باسقۇچىدا بۇنداق قەدەم تاشلىمىدى.
بۇ قېتىمقى يېڭى ھۆكۈمەت كابىنېتىدا سابىق تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خاقان فىدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، ئىستانبۇلنىڭ سابىق ۋالىيسى ئالىي يەرلىقايا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم قالىن بولسا تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، سابىق مىنىستىر جەۋدەت يىلماز بولسا مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا تەيىنلەندى. بۇ رەھبەرلەرنىڭ كۆپى ئامېرىكادا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشكەن ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت كابىنېتىنىڭ كېيىنكى 25 يىل ئىچىدە قۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ھۆكۈمەت كابىنېتى ئىكەنلىكىنى، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇلارنىڭ پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى، تاشقى سىياسەتتە ئۆزگىرىش پەيدا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار سىياسىتى قانداق بولار؟ بۇ توغرىلىق تۈركىيە خاجېتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت كابىنېتىدا تەجرىبىلىك، بىلىملىك مۇھىم مىنىستىرلارمۇ بار. مەسىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالىي يەرلىقايا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن غوجا قاتارلىقلار. بۇلار بۇرۇنقى ۋەزىپىلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەردۇر. قىسقىسى بۇ، بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا سەۋىيەلىك تەجرىبىلىك كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مىنىستىرلار كابىنېتىدۇر. تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىقتىسادىي مەسىلىدۇر. تۈركىيەدە خەلقى نامراتلىشىۋاتىدۇ، بۇنى ھەل قىلمىسا قانچە قابىلىيەتلىك ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسىمۇ خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىدۇ. ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدۇر. بۇنىڭدا بىر ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ بۇنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆرىمىز».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندىنىڭ دىپلوماتىيە توغرىسىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى يازغان كىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خاقان فىدان ئەپەندى بۇرۇن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان تۈرك ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى. 10 يىلغا يېقىن تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن خاقان فىدان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىتى قانداق بولار؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، مەسىلىنى ياخشى بىلسىلا سىياسەت ئۆزگىرىدۇ دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىپرۇس 15-نويابىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالىي يەرلىقايا ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ بۇرۇن ھازىر مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولغان جەۋدات يىلماز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى پارلامېنت تۈزۈمىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1946-يىلى كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن. بۇرۇن پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن سايلانغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىن مىنىستىرلار تەيىنلىنەتتى. 2018-يىلى مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، پرېزىدېنت ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان بولدى.