ئىستانبۇلنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودرومى مەيدانىدا «4 - قېتىملىق ئېتنوسىپور تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت فېستىۋالى» باشلاندى. مەزكۇر پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئاچتى.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق، دۇنيا ئېنوسپور فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىسىتېرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىسىتىرى ھەمزا يەرلىكايا، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئەرەن، ئەسەنلەر ۋە بەيئوغلى شەھەر باشلىقلىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى بايرام شەنئوق، ت ر ت باش مۇدىرى ئىبراھىم ئەرەن، تۈركىيەنىڭ پوتبول چولپانلىرى، ئاردا تۇران، ئەمرى باليىزئوغلى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرمۇ قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئېتنىك سپور تەنتەربىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان ياشلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆز كىملىكىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە سۆزلىشەيلى، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەيلى، بىزگە ئائىت بولغانغا ئىگە چىقايلى. بالىلار ۋە ياشلار ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ئائىت بولغانلارغا ئىگە چىقىڭلار. مىللىي تەنتەربىيەلىرىمىزنى، مۇزىكلىرىمىزنى ئاڭلاڭلار، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيەلىرىمىزنى ئۇنۇتماڭلار، ئۆز يېمەكلىرىمىزنى، قول - ھۆنەر سەنئەتلىرىمىزنى ئۇنۇتماڭلار، ئۆتمۈشىمىزگە تايانمىساق مەدەنىيەت، ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزنى قوغداپ قالمىساق، نەسىلىمىز يوقاپ كېتىدۇ».
تۈركىيە ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە تۈرلىرى فېدېراتسىيىسى رەئىسى خاقان كازانجى ئەپەندى تاشلىنىپ قالغان ئەنئەنۋىي تەنتەربىيلەرنى جانلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئېتنوسىپور تەنتەربىيە مەدەنىيەت فېستىۋالى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋي ئارتۇقچىلىقىنى، ئەنئەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىمىزنى، تەنتەربىيەلىرىمىزنى، مۇزىكلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەت ئويۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تاشلىنىپ قالغان ئەنئەنىۋېي تەنتەربىيەلىرىمىزنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز».
پائالىيەت مەيدانىغا 16 تۈرك خەلقلىرىنىڭ چېدىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان ساھەلەردە 60 تۈرلۈك قول - ھۆنەر سەنئىتى زىيارەتچىلەرگە كۆرسىتىلدى.
بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان ئائىلە تۇرمۇش بويۇملىرى، دوپپا، چاپان، ئەتلەس كۆينەك دېگەندەك مىللىي كىيىملەر، چالغۇ ئەسۋابلار ۋە پولۇ، سامسا، ساڭزا، نان، ناۋات قاتارلىق يېمەكلىكلەرمۇ كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
3-ئۆكتەبىردىكى پائالىيەتتە «ئوتتۇرا ئاسىيا مېھمان رېستورانى» 3000 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ ھەقسىز تارقاتتى.
بۇ پائالىيەت 2019- يىلى 10-ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلىدۇ.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل جىنگىز، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ھەمكارلىق جەميىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، قىرىم تۈركلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ۋە بىر قىسىم تۈركلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق
بۇ فېستىۋالنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار بۆلۈمى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەت فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «بۇ فېستىۋالدا تۈرك دۇنياسىدىكى 16 تۈرك خەلقلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك،» دېدى.
شەرقىي تۈركسىتان نۇزۇگۇم ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئېچىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئارقىلىق كۆپلىگەن تۈرك خەلقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان بىر قىسىم تۈركلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇراق ئەنگەن ئىسىملىك تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىردىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئانا ۋەتىنىدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇ يەرنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا خىتايلارنىڭ ئۇ يەرنى قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. تارىخ بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى بېسىمنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي قانچىلىق چېكىدىن ئاشۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، قىرىم ۋە باشقا تۈرك جۇغراپىيەلىرىدىكىگە ئوخشاش ھېچ قاچان تۈركلەرنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»
ئۇ بىزنىڭ «ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان باشقا سۆزىڭىز بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىر ئاز كۈچلىنىپ بۇ مەسىلىگە قول سېلىشى كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ تارىخىمىز ئەڭ دەسلەپ ئۇ رايوندىن باشلانغان. بىز قىرىم تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز، چۈنكى بىز جۇغراپىيە جەھەتتە ئۇزاق بولساقمۇ، تىل ۋە تەلەپپۇزىمىزدا پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما قان تومۇرىمىز ئوخشاشتۇر. ھەر ئىككى تەرەپ تۈركتۇر ھەم تۈرك پېتى قالىدۇ.»