تۈركىيەدىكى «ئۇلاق» ژۇرنىلى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى پوچتا سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «ئۇلاق» (خەۋەرچى) ژۇرنىلى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردى.

«قەدىمىي تىركىشىشنىڭ ئاۋازسىز پەريادى: شەرقىي تۈركىستان» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مەخسۇس سانى، يەنى 13-سانى ناھايىتى سۈپەتلىك نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ژۇرنال تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتنىڭ ھەممىسىدە تارقىتىلىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا بايراقدار ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقىرىش پىكرىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى مۇنداق بايان قىلدى: «بىزنىڭ پۈتۈن تۈركىيە بويىچە تارقىتىلىۋاتقان بىر ژۇرنىلىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ‹ئۇلاق› ، يەنى ‹خەۋەرچى› . بۇ كۈلتۈر، سەنئەت ۋە ئەدەبىياتقا بېغىشلانغان پەسىللىك ژۇرنالدۇر. شەرقىي تۈركىستان زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قانىغان يارىلارنىڭ بىرىدۇر. ئاۋازسىز پەريادنىڭ مەھكۇم زېمىنىدۇر. ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالدىنقى سانىنى پەلەستىنگە ئاتىغان ئىدۇق. بۇ قېتىملىق مەخسۇس سانىمىزنى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنى كۆرمىگەن كۆزلەرگە كۆرسىتىش، پەريادلارنى ئاڭلىمىغان قۇلاقلارغا ئاڭلىتىش ۋە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقاردۇق. ئەگەر ژۇرنىلىمىز بۇ زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئورۇن بەرمىسە؛ ئەدەبىيات دۇنياسىنى قوزغىتىشتا رول ئوينىمىسا؛ بۇلارنى تارىخقا يېزىپ قالدۇرمىسا، كىشىلەر ‹بۇ ژۇرنال نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ› دەپ سوئال قويمامدۇ؟ بىز ھەر ۋاقىت ئېزىلگەن مەزلۇم خەلقلەرنىڭ يېنىدىمىز، شۇڭا زالىملارغا قارشى تۇرىمىز. بىز ئاتا يۇرتىمىزنى ئۇنتۇمايمىز، بىز قەلىمىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن چىن قەلبىمىزدىن شەرقىي تۈركىستاننى قوللايمىز! »

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ قېتىملىق مەخسۇس سانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈركنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا يازغان ماقالىسىگە، ئادۋوكات ئۇغۇر تارخاننىڭ «كۆك بايراق» ناملىق ماقالىسىگە، ئوبزورچى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت ئەپەندىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستاندا رامىزان› ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە، شۇنداقلا باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

ئوبزورچى مۇھەممەت ئەلى ئاتايۇرت ئەپەندى، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېغىشلانغان مەخسۇس سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى: «مەن بۇ ژۇرنالغا ‹شەرقىي تۈركىستاندا رامىزان› ماۋزۇسىدا ماقالە يوللىغان ئىدىم. ماقالەمدە ۋەتەندىكى دىنىي بېسىم ۋە خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەتنى ئالداش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيىتىنى قوللىنىۋاتقانلىقى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى› نى پەردازلاپ كۆرسىتىپ، تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇم. »

مۇھەممەت ئەلى ئاتايۇرت ئەپەندى، بۇرۇن تۈركىيەدىكى ژۇرناللاردا تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىلا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولسا، 2017-يىلىدىن كېيىن كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان مەخسۇس سان ژۇرناللارنىڭ كۆپرەك نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى بەزى ژۇرناللارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتىدىكى پوچتا سىستېمىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقىرىشىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تارىخ» ژۇرنىلى، «تۈركىيە گۈندەمى» ژۇرنىلى، «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى، «يېڭى ئۇفۇق» ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرنال ۋە مەجمۇئەلەر ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقارغان ئىدى.