تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 97 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.01.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qarabuk-uniwersiteti-1.jpg تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى(ئوتتۇرىدا) د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن. 2023-يىلى 5-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىزچىل تۈردە بۇلارنى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئاڭلىتىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. بۇ چاقىرىققا بىنائەن تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 5-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي-شىمالىغا جايلاشقان، 97 دۆلەتتىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بار قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەسئۇللىرى، ھەرقايسى فاكۇلتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، 200 دىن كۆپ كىشى قاتناشقان.

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندىلەر دوكلات بەرگەن. ئۇلارنىڭ دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 5-يانۋار.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا جامائەت پىكرى توپلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 97 دۆلەتتىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولىۋاتىدۇ؟» ناملىق دوكلاتنى چەت ئەللىك ۋە تۈرك ئوقۇغۇچىلار قىزىقىپ ئاڭلىغان ۋە سوئاللار سورىغان. دىلشات بارىشچى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان د ئۇ ق ھەيئىەتى قارابۈك ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قارابۈكتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ۋە ئىقامەت جەھەتتىكى قېيىنچىلىقلىرىنى يەتكۈزگەن. قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ ۋەكىللىرى قارابۈك كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن. 2023-يىلى 5-يانۋار.
د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ ۋەكىللىرى قارابۈك كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن. 2023-يىلى 5-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا زور كۈچ چىقارغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى شەنەل سويتۈرك ئەپەندى پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ۋە باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى بەرگەن دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. زالدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىمجىتلىققا چۆمۈشى ۋە ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكلەر، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىگە بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىدىن كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانچىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا نۇرغۇن يېڭى مەلۇماتلارنى بىلىۋالدۇق. مەنچە، بەكلا پايدىلىق بولدى.»

بۇندىن 20 يىل بۇرۇن تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك قىزىقاتتى، ھازىر بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، سىياسەتشۇناسلىق، ئىدارە باشقۇرۇشقا ئوخشاش كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىزىقماقتا. شۇڭا د ۇ ق ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.