خىتاينىڭ تۈركىيەگە سوزۇلغان ئۇزۇن قولى: ئىستانبۇلدىكى «ھىرا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى» پېچەتلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.23
خىتاينىڭ تۈركىيەگە سوزۇلغان ئۇزۇن قولى: ئىستانبۇلدىكى «ھىرا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى» پېچەتلەنگەن 2015-يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ‍ئىستانبۇل شەھىرىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان «ھىرا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرى. 2020-يىلى 3-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
Social Media

2015-يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ئ‍ىستانبۇل شەھىرىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، چەتئەللەردە شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرەت مائارىپىدىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان «ھىرا ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى» ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن پېچەتلەنگەن. مەزكۇر مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن رەسمىي توختىتىلغان. دائىرىلەر 22-دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ، مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىلىرىنى مەكتەپكە كىرگۈزمىگەن.

مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىستانبۇلدىكى يەرلىك مائارىپ تارماقلىرىغا مەكتەپنىڭ تۈركىيە مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ ھېچقانداق ھەرىكىتى يوقلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق مائارىپ تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر مەكتەپ ئۈستىدىن تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ تۈركىيەنىڭ رەسمىي مائارىپ پروگراممىسىغا خىلاپ ئۆز ئالدىغا مائارىپ شەكىللەندۈرۈپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى لوقمانجان ئابدۇللا ئەپەندى 22-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپنىڭ رەسمىي تاقالغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ دەرس ۋاقتى بىلەن دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ دەرس ۋاقتى تاقاشمىسىمۇ، لېكىن ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى «دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ دەرس ۋاقتى ئىچىدە بۇنداق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىڭلارغا يول قويالمايمىز» دېگەن.

لوقمانجان ئابدۇللا: «ئۇيغۇر بالىلىرىمىز دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا بىزنىڭ مەكتەپكە كېلەتتى. دۆلەت مەكتەپلىرىدە يېرىم ئوقۇيدۇ. شۇڭا چۈشتىن كېيىن ئوقۇيدىغان بالىلار چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان بالىلار چۈشتىن كېيىن كېلىپ ئوقۇيتتى. ئۇلارنىڭ يېرىم كۈنلۈك بوش ۋاقتىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بولغان. ئويلىمىغان يەردىن بۇ خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مۇشۇنداق ئىش قىلىۋېتىپتۇ، بۇلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسى بويىچە رەسمىي مەكتەپ شەكلىدە قەدەم بېسىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ يول ئېچىپ بېرىپ، مەكتەپمۇ بېرىپتۇ. ھەتتا مەكتەپنى ئ‍ىجارىگە بېرىپتۇ، دېگەن گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن، بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق، دېدى».

لوقمانجان ئابدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ تەلىپى «ئىنسان بولۇش سۈپىتىدىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ» بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپ تۈركىيە مائارىپىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ بېرىۋاتقان بىر ئورۇن ئىكەن.

لوقمانجان ئابدۇللا: «بىز ھازىر بۇ ئىشنىڭ يولىنى مېڭىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ ئىشنى چىرايلىق ھەل قىلىشنى ئويلايمىز. بۇ دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولسا ھېچقانداق ئادەمنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغان ئىش ئەمەس. يەنى بۇ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىزدە ئەقەللىي بىر ھەققىمىزنى تەلەپ قىلىشتۇر. دۆلەت مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان، تۈركىيەنىڭ نورمال تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى بىلەن ياشاۋاتقان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى بويىچە تەربىيە كۆرۈۋاتقان، ئۇنىڭدىن بوش ۋاقتىدا مۇشۇ مەكتەپتە ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش دەرسلىرىگە قاتنىشىپ، دەرسىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق بىر چەكلەشكە ئۇچرىشى كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ».

بىز 22-فېۋرال بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار-يوقلۇقى، ئەگەر خەۋىرى بولسا بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلىش سەۋەبىگە قانداق چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى سورىدۇق. تۈركىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى خەۋەر ئالاقە مەركىزىنىڭ بىر ئەمەلدارى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىر قاراردىن خەۋىرى يوقلۇقى، ئەگەر بىز تەلەپ قىلساق ئۆزلىرىنىڭ بۇ سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «سىز ئېيتقان مەسىلە توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىمدىن نېمە ئۈچۈن تاقالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم. ئەگەر سىز خالىسىڭىز بۇ مەسىلە ھەققىدە سىزنىڭ ئۇچۇر ئېلىش تەلىپىڭىزنى رەسمىي ئىلتىماس سۈپىتىدە تۇرغۇزۇشۇم مۇمكىن. ئىلتىماسىڭىزغا ئۈچ كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىلىشى مۇمكىن. ئۈچ كۈن ئىچىدە خەۋەر ئالاقە مەركىزىمىزگە قايتا تېلېفون قىلىپ، ئىلتىماسىڭىزنىڭ جاۋابىنى ئالالىشىڭىز مۇمكىن» دېدى.

2015-يىلى قۇرۇلغان «خىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ 300 ئارتۇق ئ‍وقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈك چەكمەجە رايونىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنى ئەينى ۋاقىتتا ئىستانبۇل مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن. بىراق بۇ مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سىرت يەنە ئىنگلىز ۋە تۈرك تىللىرىنى ئوقۇتىدىغان چوڭلار مائارىپى، شۇنداقلا تىككۈچىلىك، شوپۇرلۇق قاتارلىق كەسپىي ماھارەت سىنىپلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ قېتىم چوڭلار مائارىپى ۋە كەسپىي ماھارەت سىنىپلىرىمۇ بىردەك تاقالغان.

لوقمانجان ئابدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىغا بۇ مەكتەپ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغاندا يەنە بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2019-يىلىدىكى بىر مەكتەپ مۇراسىمىدا كىيگەن فورمىسىنى باھانە قىلغان. ئۇلار بۇ مەكتەپنى ئوقۇغۇچىلارغا فورما كىيدۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن.

لوقمانجان ئالدۇللا: «بۇ يەردە تۇتامغا چىققۇدەك بىر نەرسە يوق. ھەربىيچە فورما، دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان. ئۇلار ھەربىيچە فورما ئەمەس. ھەممىسى بىر تۇتاش كىيىملەر……سەن بىر تۇتاش فورما كىيدۈرۈپسەن، دەيدۇ. بىر تۇتاش فورما ئەمەس. بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى فورمىسى، دېگەندىن كېيىن، بۇلار سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ مەكتەپ فورمىسى چىقىپ قالدى. ھازىر خىتاينىڭ بىردىن-بىر تۇتۇۋالغىنى شۇ 2019-يىلدىكى رەسىم بولۇپتۇ».

تۈركىيە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يۇقىرىقى قارارى 22-فېۋرال تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالچۇك ئۆزداغ 22-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ «يۈز قىزارتىدىغان» خاتالىق ئىكەنلىكى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلدى. سالچۇك ئۆزداغ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى باشقۇرۇۋاتقان ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۈچۈن بەك ئەيىب بىر ئىش. يۈز قىزارتىدىغان بىر ئىش. ئاناتولىيە جۇغراپىيەسىدىكى مىڭ يىللىق مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، قائىدە-يوسۇنلىرىغا يېقىشمايدىغان بىر ئىش. بەش مىڭ يىللىق بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قۇرغان بىر دۆلىتى بۇنداق بىر ئەيىب ئىشنى قىلامدۇ. بۇ يەردە ھۆكۈمەتنى بۇ خاتالىقتىن دەرھال قايتىشقا چاقىرىمىز. بۇ ئورۇن 2015-يىلى ئىستانبۇل مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇرۇلۇپ، تۈركچە ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسىدە ئالاھىدە كۇرس بېرىپ كەلگەن. بۇ يەرگە ئىنسانلار ياخشى كۆرۈپ، ئۆزى خالاپ كېلىدۇ. بۇنى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى، دېگەننى باھانە قىلىپ تاقىشىدەك بۇ ئەيىب، ھۆكۈمەتكە يېتىپ ئاشىدۇ».

سالچۇك ئۆزداغنىڭ ئېيتىشىچە، كېلەچەك پارتىيەسى «ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. سالچۇك ئۆزداغ: «تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز تىلىدا بىر مائارىپ مەركىزى قۇرغان. رۇخسەت ئېلىپ، مائارىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مائارىپ پائالىيىتىنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بېسىمى، دېگەن باھانىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەم مائارىپقا بېرىلگەن بىر زەربە ھەم دىنداشلىرىمىز ۋە تۇغقانلىرىمىزغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. بۇ ھاقارەتنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. بىز كېلەچەك پارتىيەسى ئۇ مەكتەپكە بارىمىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ خاتالىقتىن قايتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

«ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى» نىڭ تاقىلىشى، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ پائالىيەت بوشلۇقى كۈنسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقان، بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. يېقىندا تۈركىيە بىلەن خىتاي «پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇققا مالىيە ياردىمى بېرىشكە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە كېلىشكەن. بۇ كېلىشىم خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يوشۇرۇن تېررورلۇق گۇماندارى، دەپ مۇئامىلە قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، مالىيە بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.