28-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىگە جايلاشقان تۈركىيە سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەر قايسى فاكۇلتېتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىن سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ يىغىن توغرىسىدا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور دوغان يۆرۈك ئەپەندى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان رايونلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستانىدا يۈز بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم»، دېگەن.
بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور ئابدۇلمەتىن چېلىكبىلەك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۆزبېك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر-ئۆزبېك قان قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلمەتىن ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولدى، پات-پات ھاياجانلاندۇق، كۆز يېشى قىلغانلار بولدى، بىز بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گەرچە بىز شەرقىي تۈركىستانغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولساقمۇ ئۇ يەردىكى زۇلۇمنىڭ ئۇنچىۋالا ئېغىر دەرىجىدە چوڭقۇر ۋە ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدۇق. بىز بۇ يىغىننى ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ھازىرقى زامان ياشلىرىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ۋە بۇ زۇلۇم توغرىسىدا پىكىر-چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە كېلىشىنى نىشانلىغان ئىدۇق، يىغىن بەك ياخشى ۋە مەنىلىك ئۆتتى».
ئابدۇلمەتىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتكە ئېتىراپ قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك، خىتاي كۆپىنچە دۆلەتلەرنى قەرز بېرىش ئارقىلىق، سودا-تىجارەت كېلىشىمى، ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە باغلىدى. بىز، تۈرك خەلق ئاممىسى ۋە ياشلارنىڭ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توغرا ۋە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك، تۈركىيەدە جامائەت پىكىر پەيدا قىلىشىمىز كېرەك. تۈركىيە بۇ مەسىلىنى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە قوللاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن قوللاشنى تېخىمۇ كۆپەيتىش كېرەك».
يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى، بۇ يىغىندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، كەڭ كۆلەملىك نازارەت ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ قويۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى ۋە باشقىلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.