تۈركىيە 13 ئۇيغۇرنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى
2020.04.15

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان 13 ئۇيغۇر، تۈركىيە تەرىپىدىن ئۆز پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.
بۇندىن 5 ئاي بۇرۇن خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنكى 5 ئاي ئىچىدە تۈركىيە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان كۆپ ساندا تۈرك پۇقراسىنى مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى. تۈركىيە تۇنجى بولۇپ ۋۇخەندە ئوقۇۋاتقان 44 تۈرك ئوقۇغۇچىنى مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنىدى. كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. 14-مارت كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان 314 تۈرك بىلەن 13 ئۇيغۇرنى ئېلىپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتىگە ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەرنى دوختۇرلار تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاپتوبۇس بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم شەھىرىگە ئاپىرىلىپ ئوقۇغۇچىلار ياتاقخانىسىدا كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن 15 كۈن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەۋاتقان، قوللىرىدا خىتاي پاسپورتى بار 16 ئۇيغۇر تۈركىيەگە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ تەلەپنى تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزۈپ، 13 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىنى ھەل قىلغان. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بەردى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەپەندى بىر ئاي بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاندا كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن كېيىن ئايروپىلانلار توختاپ قېلىپ كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قامىلىپ قالغانلىقىنى، بەزىلىرىنى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىدە خىتاي پاسپورتى بار بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە تۈركىيەدە ئىقامەت، يەنى تۇرۇش رۇخسەتنامىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئىشلەش ئۈچۈن 2 ئاي بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. ئەرەبىستانغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كورونا ۋىرۇسى يامراپ كېتىپ ئايروپىلانلار توختاپ كەتكەچكە سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇپ قالغان.
شۇلارنىڭ بىرى ئەلقەم ئەپەندى سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىقىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىش يەرلىرى تاقىلىپ كېتىپ ئىشسىز قالغانلىقى ۋە ھەر جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالغا يولۇققانلىقىنى، ئاخىرى ئۆزلىرىگە تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىدرىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن بولسىمۇ، تەۋەككۈل قىلىپ ئايرودرومغا بارغانلىقىنى، ئىسمى ئېلىپ كېتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىدە بولمىسىمۇ، ئەمما تۈركىيە خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى ئايروپىلانغا چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئېلىپ كەلگەن بۇ كىشىلەر، يەنى ئاشۇ 13 ئۇيغۇر ۋە باشقىلار چورۇمدا 14 كۈن كارانتىن ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن دوختۇرلار تەكشۈرۈپ، ئۇلاردا كورونا ۋىرۇسى بايقالمىسا ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىكەن. ئۇنداقتا ئۇلار ھازىر تۇرۇۋاتقان ياتاقنىڭ شەرت-شارائىتلىرى قانداق؟ ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى ئىشسىز قېلىپ، باشقا دۆلەتكە كېتەلمەي تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپ ئىكەن.