26-ئاپرېل كۈنى مەركىزى قەيسەرى شەھىرىگە جايلاشقان ئابدۇللا گۈل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت كۇلۇبى ۋە ئىددىئا كامپى چۈشەنچە ۋە مۇنازىرە (İdea Campı Fikir ve Münazara) ve (İslam Kültür Kulübü) قاتارلىق ئىككى ئۇيۇشمىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان چۈشەنچىسى» دېگەن نامدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت، ئىددىئا كامپى چۈشەنچە ۋە مۇنازىرە كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئەبرار تاشتان، ئىسلام مەدەنىيەت كۇلۇبىنىڭ رەئىسى مۇستافا ئەمەك ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، كىشىلىك ھوقۇقتىكى دەپسەندىچىلىكلەر، بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرىنى بايان قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىسلام مەدەنىيىتى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى مۇستافا ئەمەك ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يىپەك يولىنىڭ قەلبىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇنبەت زېمىنى تۈرك كۈلتۈرى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ھەشەمەتلىك مەركىزى شۇنداقلا تىجارەت، بىلىم ۋە سەنئەتنىڭ مۇھىم مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى. كۆك تۈركلەردىن ئۇيغۇرلارغىچە، قاراخانىيلاردىن چىڭگىزخان ھۆكۈمرانلىقىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جۇغراپىيەلىك رايونلار تۈرك تارىخىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما تۈركىستان تارىخى يۈز بەرگەن قىيىن مۇجادىلە ۋە ياۋنىڭ ئىشغالىيەت ھۇجۇملىرىغا قارشى قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىش بىلەن تولغاندۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا زوراۋان سىياسىتى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتى تۈرك مىللىتىنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر بىر يارا پەيدا قىلماقتا» .
يىغىندا، ھۆر شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى سەدۇللاھ دوغۇتۈرك ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ يەرلىشىش جەريانى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىنغا ئابدۇللا گۈل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا خەلقئارا جامائەتنىڭ رولى ۋە ئىنكاسى، بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن بېسىلىشى كېرەك بولغان قەدەم ۋە باسقۇچلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ خىل يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.