ئامىر قىلىچ: «بىز سەنئەتىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.05.19
er-ayal-senetchi-amir-qilich-bilen-xeyrunnisa-qilich-1 ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئەر-ئايال سەنئەتچى ئامىر قىلىچ بىلەن خەيرۇننىسا قىلىچنىڭ «شانلىق تۈركىيە» ناملىق مۇزىكا لېنتىسى ئېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ماي. تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار چەت ئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇلار زور بىر قىسمى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى 2001-يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ تېزلەشكەن. تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى سىياسىي ئاكتىپلار تەشكىلات قۇرۇش، نامايىش قىلىش، كۆرگەزمە ئېچىش، دوكلات بېرىش ۋە دوكلات تەييارلاشقا ئوخشاش ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلگەن. ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەر-ئايال سەنئەتچى ئامىر قىلىچ بىلەن خەيرۇننىسا قىلىچ دەل شۇلاردىندۇر. ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە تارقاتقان «شانلىق تۈركىيە» ناملىق مۇزىكا لېنتىسى تۈركىيەدە زور ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

ئۇلار 2019-يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 10 ئەتراپىدا ناخشا ئىجات قىلغان. ئۇلار مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىن تۈركىيەدە ھەر خىل تىللاردا ناخشا ئېيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەيرۇننىسا قىلىچ خانىم ئالدى بىلەن «شانلىق تۈركىيە» ناملىق ناخشا توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئەركىن ياشاۋاتىدۇ. يېقىندا تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق بېرىش قارارى چىقىرىپ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنى خاتىرجەم قىلدى. شۇڭا بىز ھەم تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىش ھەم ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن بۇ ناخشىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇدۇق.»

خەيرۇننىسا قىلىچ خانىم، مەزكۇر ناخشا تېكىستىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرىنىڭ ئاخىرقى بىر كۇپلېت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى تۈركلەرگە ئەسلىتىپ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «ناخشا تېكىستىدە تۈركلەرنىڭ مېھماندوست ئىكەنلىكى، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرگە ئىگە چىقىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىگە چىققانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى بايان قىلىندى. ناخشىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ئەڭ ئاخىرقى ‹سالام ساڭا تۈركىيە› دېگەن كۇپلېتىدا. بۇ كۇپلېتتا شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن تۈركىيەگە سالام ئېيتقاندىن كېيىن، ناخشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن بىر ئەسلىتىپ ئۆتتۇق. بۇ ناخشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تۈركلەرگە ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. شۇڭا بىز بۇ ناخشىنى مىللىي كىيىمىمىزنى كىيىپ، مىللىي چالغۇلىرىمىز بىلەن ئىجرا قىلدۇق.»

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى سابىق رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1952-يىلى تۈركىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن، «تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنال چىقىرىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. 1960-يىلىغا كەلگەندە ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇلار، مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىش، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىش، دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن. 2001-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ كۆپەيگەن.

«ئانا ماكان»، «شانلىق تۈركىيە» قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلارنى ئىجات قىلغان شائىر ئامىر قىلىچ ئەپەندى، تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان 10 دەك ناخشا ئىجات قىلغان ۋە ئېيتقان. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىكى ۋاقتىمدىمۇ مۇزىكا ئىجات قىلىش، شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىدىم. 2019-يىلىدىن كېيىن تۈركىيەدە قانداق قىلسام سەنئىتىم ئارقىلىق خەلقىمگە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىيالايمەن، قانداق قىلسام مۇزىكام ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى ئوخشىمىغان شەكىلدە خەلققە ئاڭلىتالايمەن، دەپ كۆپ ئويلاندىم. ئاخىرى مۇزىكا بىلەن باشلاپ باقايلى دەپ، تۇنجى بولۇپ ئابدۇرېھىم ھېيت ئۇستازنىڭ ‹ئالدىدا› دېگەن ناخشىسىنى ھازىرقى زامان مۇزىكا ئۇسلۇبىغا سېلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن بولدۇم. ئىككىنچىسى، ۋەتەندىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتقان ‹ئانا ماكان› دېگەن ناخشىنىڭ تېكىستنى يېزىپ ۋە ئاھاڭغا سېلىپ، خەلققە سۇندۇم. ئۈچىنچى بولۇپ تونۇلغان شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ‹ئويغان› دېگەن شېئىرىغا ئاھاڭ ئىجات قىلىپ، مارش شەكلىدە ئېيتىپ تارقاتتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن، 2021-يىلى 1-ئايغا ئۈلگۈرتۈپ، ئابدۇلقادىر جالالىددىن ئۇستازنىڭ ‹يانارىم يوق› ناملىق شېئىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىجات قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلار ھۇزۇرىغا سۇندۇق. بىزنىڭ بۇ ناخشىلىرىمىز ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ناخشىنى ئاڭلىغانلاردىن بىزگە ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار كەلدى. بۇلار بىزگە زور ئىلھام بېغىشلىدى.»

خەيرۇننىسا قىلىچ خانىم ھازىر ئىستانبۇلدا بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن، ئامىر قىلىچ بولسا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىغا ئاھاڭ ئىجات قىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان شېئىرلارنى يېزىپ ھەم ئاھاڭغا سېلىپ، ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرى بىلەن ئىجرا قىلىپ تارقاتماقتىكەن. خەيرۇننىسا قىلىچ خانىم، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر، تۈرك، ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ كۆسە ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مۇزىكا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىستۇر. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 1961-يىلى يەركەندىن ئايرىلىپ، ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. ئۇ تۈركىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ھازىر ئۇ «قام» ناملىق ئۈن-سىن شىركىتى ۋە مۇزىكا كۇرسىنىڭ ساھىبىدۇر. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇزىكا ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى، ئامىر قىلىچ ئەر-ئايال ئېيتقان «شانلىق تۈركىيە» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.