تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى» ناملىق تور ئامبىرى قۇرۇلدى
2024.05.24
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي-سىياسىي مەسىلىلىرى، سىياسىي رەھبەرلىرى، يازغۇچىلار ۋە شۇنىڭدەك مەشھۇر شەخسلىرى توغرىسىدىكى ئۈن-سىن، كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، ماقالە ۋە مۇھىم خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى» (Doğu Türkistan Dijital Hafıza Merkezi) ناملىق تور ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 22-مايدىن باشلاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىلگەن.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، مەزكۇر مەركەزنىڭ مۇدىرى ئەساد ئەمەكلى ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ بىزنى مەزكۇر مەركەزنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى جېنگىز خانئوغلۇغا يۈزلەندۈردى.
ئۇ ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى» توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، بۇ مەركەزنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن 2022-يىلى ئىستانبۇلدا بەش كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ياشلارنىڭ باش قوشقانلىقى، ئىككى يىل تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەش نەتىجىسىدە بۇ تور ئامبىرىنىڭ يېقىندا پۈتكەنلىكى، 22-مايدىن باشلاپ بۇ تور ئامبىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا ئېچىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جېنگىز خانئوغلۇ «شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى» نىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەركەز، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تەرىپىدىن يوقىتىلىشقا نىشانلانغان، ئەمما چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ ئىزناسى ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىنى دىجىتال شەكىلدە ساقلاش، قوغداش، شۇنداقلا ئۇنى پۈتۈن دۇنيادىكى ۋىجدانلىق ئىنسانلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ».
جېنگىز خانئوغلۇ «شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك تەك ۋە تۇنجى قېتىملىق بىر ئىش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر. ئىنتېرنېت دۇنياسىدا نۇرغۇن مەلۇماتلار مەۋجۇت، بىراق بۇلار تۈزىتىلىشكە ۋە تەھرىرلەشكە ئېھتىياجى بولغان مەلۇماتلاردۇر. بۇ مەلۇماتلار ئۆلچەملىك بىر شەكىلدە تەييارلىنىپ سۇنۇلمىغان تەقدىردە ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ‹شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى› ماتېرىياللارنى لاياقەتلىك، ئۆلچەملىك ۋە ئىخچام ئۇسۇلدا ھازىرقى دىجىتال دەۋرنىڭ تەلەپلىرىگە لايىق شەكىلدە تەييارلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تور ئارقىلىق پايدىلىنىشىغا سۇندۇق. بىز بۇ ماتېرىياللارنى بىر تەرەپتىن ساقلاش ۋە قوغداش ئۈچۈن تور سەھىپىمىزدە ساقلايمىز، ھەم ئۇچۇر ئەڭ تىز تارقىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە ‹شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى›نى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ».
جېنگىز خانئوغلۇ بىزنىڭ «‹شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى› قانداق تۈردىكى ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يوقىتىلىشقا ئۇرۇنىلىۋاتقان بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ ئىزناسىنى ئارخىپلاشتۇرۇش، ساقلاش ۋە دىجىتال مۇھىتتا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ۋىجدانلىق كىشىلەرگە تىز ھەم قولاي يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىش پىلاندۇر. بۇ تور ئامبىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىل-ئەدەبىياتى، مەشھۇر شەخسلىرى، كىتابلار، ماقالىلەر، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى، مىللىي تائاملىرى، چالغۇ سازلىرى، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مۇھىم ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
جېنگىز خانئوغلۇ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان پۈتۈن تۈرك تارىخىنىڭ، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. خۇسۇسەن بىز تۈركىيە تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ بىزگە دەرس قىلىپ ئۆگىتىلگەن مۇھىم يازغۇچىلار، ئەدەبىياتشۇناسلار، دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە يېتىشكەن ۋە ياشاپ ئۆتكەندۇر. بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان نۇرغۇنلىغان دىنىي ئالىملارمۇ ئۇ جۇغراپىيەدە يېتىشىپ چىققان. ئۇيغۇرلار تارىختا تۇنجى بولۇپ شەھەرلىشىش مەدەنىيىتىگە قەدەم باسقان تۈرك قوۋمى بولۇپ، ئۆتمۈشىمىزنى بىلىشتە بىزگە كىملىكىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يورۇتۇپ بەرگەن خەلقتۇر. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەسىگە قارشى 35 مىليونلۇق بىر نوپۇس بىلەن تىركىشىۋاتىدۇ. ئۇلار جىددىي ھالدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە ۋە بېسىملارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك مەدەنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر يىلتىزغا ئىگە بىر مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ بىر مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىر مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى بىزگە كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر».
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان دىجىتال ماتېرىيال ئامبىرى مەركىزى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەر ساھە مۇھىم ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەل چاغلاشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ئامبارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ تۈردە قوللاپ ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تېخىمۇ ئەمەلىي ھەسسە قوشقىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.