تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.07.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە كونيادىكى «ساتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ۋە مىللىي كىملىك يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، كونيا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ ئانا تىل مەكتىپى ئېچىپ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆز مىللىي تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تارىخى، چۇغراپىيەسى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىپ، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا، مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

كونيادىكى «ساتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى ئانا تىل مەكتىپى ھەپتە ئاخىرىدا شۇنداقلا يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللەردە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، ھەر قايسى پەنلەر بويىچە دەرسلەرنىمۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆتمەكتە.

كونيادىكى «ساتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.

كونياداكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئىستانبۇلدىكى ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسى كونيا شۆبىسى قارمىقىدىكى بىر مائارىپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2017-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر مەكتەپ ئانا تىل مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەرسلىرى بېرىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بولۇپ، بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرارلىتىش خىزمىتىنىمۇ ئېلىپ بارماقتىكەن.

كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىككى يىلدىن بۇيان تاقىلىپ قالغان تۈركىيەدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ئۆتكەن يىلى كارانتىن تەدبىرلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن.

نۆۋەتتە كونيادىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە 4 سىنىپ بار بولۇپ، بالىلارغا تىل دەرسى بېرىش بىلەن بىرلىكتە دىن ۋە ئەخلاق، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتى قاتارلىق دەرسلەرمۇ ئۆتۈلۈۋاتقانىكەن. نۆۋەتتە 50 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئىنگلىزچە ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلەرمۇ تەسىس قىلىنغان.

ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسى كونيا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلئەخەت ئۇدۇن ئەپەندى مەزكۇر مەكتەپنى ئېچىشتىكى مەقسىتى، نىشانى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەھۋالى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلھېكىم ئايدىن ئەپەندى يۇقىرىدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنىڭ ناھايىتى يۇغۇرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كونيادىكى «ساتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزى» نامىدىكى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.

مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىدا ئانا تىل بىلەن مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەر ئوخشاشلا مۇھىم ئامىللاردۇر. بالىلارغا تىل ئۆگىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بالىلار ئويۇنلىرىنىمۇ ئۆگىتىش، مىللىى كىملىكنى يېتىلدۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئابدۇلھېكىم ئايدىن ئەپەندى بالىلاردا بۇلارنى ئۆگىتىش ئۈچۈن دالا-سەيلىلىرى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى، مەدەنىيەت-سەنئەتلىرىنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كونيا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، 2015-يىلى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جايلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلانغانىدى. ئابدۇلئەخەت ئۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە نۆۋەتتە كونيا شەھىرىدە 600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار كونياغا كەلگەندىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئابدۇلئەخەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇلدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئاساس قىلغان ساتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە تەربىيە مەركىزى بۇ يىل يازلىق تەتىل كۇرسىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپلىرى تەسىس قىلغان. 380 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان مەزكۇر مەركەزنىڭ مۇدىرى سەيپۇللا ئەپەندى ساتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ كۈچەيتىش ۋە تولۇقلىما مائارىپى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىستانبۇلدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى 2017-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان ئاتا تىل ئۆگىتىۋاتقان مۇھىم مەركەزلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر مەركەزدە 250 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر مەركەزنىڭ مۇدىرى شەمشىنۇر خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە، ئۇيغۇر كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلدا مائارىپىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.