پروفېسسور ئەخمەت بىجانئەرجىلاسۇن: «كۆك بايراق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تىلەيمەن»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى تونۇلغان تۈركولوگ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ۋە خۇشال كۈنلەرنىڭ كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كۆك بايراق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىق كۈنلەر تىلەيمەن».

ئۇ بۇ سۆزلەرنى، 19-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ بايبۇرت شەھىرىدە، تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، 24-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا بايان قىلدى.

ئۇ سەھنىگە چىقىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، «تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەخىپىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنى قۇچاقلىغان لوگۇسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى لەپىلدەيدۇ، بىزنىڭ ئۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىزچىل ۋەزىپىلىرىمىز بار، ئۇ كۆك بايراقنىڭ ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا، قازاقلارغا، قىرغىزلارغا ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىق كۈنلەر تىلەش بىلەن ھەممىڭلارغا سالام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن»، دېدى.

ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 24-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى، تۈركىيەنىڭ بايبۇرت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا تۈرك بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە تۆھپە قوشقان شەخسلەر دەپ باھالانغان، پروفېسسور، دوكتۇر، فېرىدۇن ئاغاسىئوغلۇ جېلىلوف، پروفېسسور، دوكتۇر، فاتىھ كىرىشچىئوغلۇ، پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، پروفېسسور، دوكتۇر، ئالپئاسلان جەيلان ۋە ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلىغا مۇكاپات بېرىلدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا، بايبۇرت شەھەر باشلىقى ھۆكمۈ پەكمەزجى، پارلامېنت ئەزاسى فەتانى باتتال، بايبۇرت ئۇنىۋېرىستېتى مۇدىرى پروفېسسور، دوكتۇر مۇتلۇ تۈركمەن قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە 4 پروفېسسورغا مۇكاپاتنى تەقدىم قىلدى.

تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانداق بىر ۋەزىپىسى بولىدۇ؟ بىز بۇ سوئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا پروفېسسور دوكتۇر ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇزۇن يىللار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات قىلىپ كۆپلىگەن كىتاب ۋە ماقالىلارنى يازغان، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردە تەسىرى بار تۈركولوگ ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر بەك قىيىن ئەھۋالدا قالدى، شۇ سەۋەبتىن ئەركىن دۇنيادىكى تۈركلەرگە ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى بولىدۇ. يەنى تۈركىيە تۈركلىرى، ئەزەربەيجان تۈركلىرى ھەم تۈرك دۇنياسىدىكى پۈتۈن تۈركلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى بولىدۇ. چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن ھەم دىن ھەم قان ھەم مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش بولىمىز. بىز ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ يەردە خىتاي تەرىپىدىن بېسىم ئاستىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىشىغا، ھەم ھۆكۈمەتلەر ھەم خەلق ئاممىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز خەلق ئاممىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈپ ۋاقىرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ۋەزىپىمىز بولسا پۈتۈن دۇنيادا بۇ مەسىلىگە قارىتا جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ خىزمەت باشقا ئىنسانلاردىن ئىلگىرى بىز تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى».