پروفېسسور مەسۇت ئۇيار: «ئۇيغۇر ياشلارنى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى ئىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.08.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
پروفېسسور مەسۇت ئۇيار: «ئۇيغۇر ياشلارنى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى ئىدى» پروفېسسور مەسۇت ئۇيار ئەپەندى مەزكۇر ماقالىسىدە 2000-يىلىنىڭ بېشىدا ئەنقەرەدە قولغا چۈشۈرگەن ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىت ئارخىپتا تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مەكتىپىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىغا ئىلتىماس سۇنغان راھمى يارباغ ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى. 1946-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئانتالىيەدىكى بىلىم ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى مەسۇت ئۇيار ئەپەندىنىڭ «ئىندېپېندېنت» (مۇستەقىل) تور گېزىتىدە 30-ئىيۇل ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئوقۇغۇچى ئېلىپ كېلىپ ھەربىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقانلىقى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ماقالىسىدە، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پروفېسسور مەسۇت ئۇيار ئەپەندى مەزكۇر ماقالىسىدە 2000-يىلىنىڭ بېشىدا ئەنقەرەدە قولغا چۈشۈرگەن ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىت ئارخىپتا راھمى يارباغ ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەكتىپىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىغا سۇنغان ئىلتىماسىغا ئورۇن بەرگەن. راھمى يارباغ 1946-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەكتىپىگە يازغان ئىلتىماسىدا، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى، ئامېرىكاغا ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن ھەربىي مەكتەپتىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە يەنە راھمى يارباغ باشچىلىقىدىكى 7 ئۇيغۇر ياشنىڭ 1939-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ھەربىي مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

راھمى يارباغ ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مەكتىپىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىغا سۇنغان ئىلتىماسى. 1946-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.
راھمى يارباغ ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مەكتىپىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىغا سۇنغان ئىلتىماسى. 1946-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەر توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل پېنسىيەگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ يېنىدا ئىشلىگەن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۆتى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدە، تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ياشلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ھەربىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش، 1923-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسى ئەزەربەيجاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن باشلانغان. تۈركىيە تۇنجى قىلىپ، ئىراندىكى تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ياشلارنى تۈركىيەدىكى ھەربىي مەكتەپلەرگە ئەكېلىپ ئوقۇتۇشقا باشلىغان. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى تاللاپ ئەۋەتكەن. ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا تاللاپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەۋكەت ئەسەندال ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ھەربىي مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

. پروفېسسور دوكتور مەسۇت ئۇيار ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ياشلارنىڭ تۈركىيەگە ئەكېلىپ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتۇلغانلىقى، بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئۇلار مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ مۇستەقىللىق كۆرۈشى قىلىشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئەينى زاماندىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ 1938-يىلى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇنداق بىر ئىستراتېگىيەسىنىڭ بارلىقىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1930-يىللاردا تۈركىيەگە كېلىپ ھەربىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردىن مەمەت رىزا بېكىن تۈركىيە ئارمىيەسىدە خىزمەت قىلىپ، گېنېرال بولغانىدى. ئۇ، تۈرك ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا بريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش شىتابىدا ۋەزىپە ئۆتەش بىلەن بىرلىكتە كورېيە ئۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلغان. راھمى يارباغ ئەپەندى بولسا ھەربىي مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، 2012-يىلى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.