قەيسەرىدىكى 3 مۇساپىر ئۇيغۇر قىزنىڭ جىنازا نامىزىغا قەيسەرى شەھىرى باشلىقىمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيە شەھەرلىرىدىن بىرى قەيسەرىگە 2019-يىلى كېلىپ ماكانلاشقان 3 مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ سۇدا غەرق بولۇپ قازا تېپىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاش بىلەن بىرلىكتە تۈرك خەلقىنىڭمۇ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ جىنازا نامىزىغا ھەتتا قەيسەرى شەھىرى باشلىقىمۇ كېلىپ قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ تەزىيەسى ۋە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.

31-ئىيۇل كۈنى قەيسەرىدىكى چوڭ مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن دەپىنە مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغانىدى. كورونا ۋىرۇسى تەھدىتى يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىغا قارىماي مەزكۇر دەپىنە مۇراسىمىغا قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمدۇھ بۈيۈك قىلىچ ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ قازا تاپقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان. ئادەتتە، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدىغان سورۇنلارغا رەسمىي يوسۇندا قاتنىشىدىغان شەھەر باشلىقىنىڭ 3 ئۇيغۇر مۇساپىر قىزىنىڭ ۋاپاتىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە جىنازا نامىزىغا ئىشتىراك قىلىشى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ھاياجانلاندۇردى ۋە بۇنى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانىي قوللىشى دەپ قارىدى.

قەيسەرى شەھىرىدىكى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىغا غەرق بولغان 3 مۇساپىر ئۇيغۇرنى تېپىش ئۈچۈن چىققان جامائەت. 2021-يىلى 31-ئىيۇل، تۈركىيە.
قەيسەرى شەھىرىدىكى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىغا غەرق بولغان 3 مۇساپىر ئۇيغۇرنى تېپىش ئۈچۈن چىققان جامائەت. 2021-يىلى 31-ئىيۇل، تۈركىيە.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ۋە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا 30-ئىيۇل كۈنى 15 ياشتىكى سافىيە شىرئېلى، 10 ياشلىق مۇسلىمە خالمۇرات ئىسىملىك قىزلار تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىدا قاتتىق ئىسسىقتىن سەگىدەش ئۈچۈن سۇغا چۈشكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ يەردە يەنە 28 ياشلىق تۇرسۇنگۈل خانىممۇ بار ئىدى. بۇ ئىككى قىز سۇغا چۈشۈپلا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن تۇرسۇنگۈل دەرھال ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ سۇغا چۈشكەن، بىراق ئۇ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرالماستىن ئۆزىمۇ سۇغا غەرق بولغان. نەتىجىدە، 10، 15 ۋە 28 ياشلىق بۇ 3 ئۇيغۇر تەڭلا قازا قىلغان. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان قەيسەرى شەھەرلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن شۇ يەردە تۇرۇشلۇق «ژاندارما»، يەنى ساقچى قوشۇنى ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ جەسىتىنى تېپىش ئۈچۈن ئۇدا ئىككى كۈن ئىزدەپ، ئاخىرى 31-ئىيۇل كۈنى مېيىتىنى تېپىپ سۇدىن چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ ئاممىۋى ھېسداشلىق قوزغىدى.

مەزكۇر ئۇيغۇر مۇساپىرلار 31-ئىيۇل كۈنى جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋەتىنىدىن بەكلا ئۇزاقتا بولغان قەيسەرى شەھىرى ئەتراپىدىكى ئەركىلەت قەبرىستانلىقىغا دەپىنە قىلىندى.

سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى ئۇيغۇر بالىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان 28 ياشتىكى تۇرسۇنگۈل ئابدۇشۈكۈر ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ 2 قىز پەرزەنتى يېتىم قالغان. تۇرسۇنگۈلنىڭ بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئۆزىنىڭمۇ ھاياتىنى قۇربان قىلىشى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، تۇرسۇنگۈلنىڭ يولدىشى ۋەتىنىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ 2016-يىلى 2 پەرزەنتىنى ئېلىپ خىتاي پاسپورتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە 2019-يىلى 9-ئايدا قەيسەرى شەھىرىنىڭ قوجاسىنان مەھەللىسىگە كېلىپ يوقسۇل بىر مەھەللىدە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ياشاشقا باشلاپ، شۇ يەردە ئىككى پەرزەنتىنى باقماقتا ئىدى.

تۇرسۇنگۈلدىن يېتىم قالغان بۇ ئىككى قىزنىڭ يەنە دادىسى بىر، ئانىسى بۆلەك ئاچىسى بار بولۇپ، ئۇ ھازىر فىنلاندىيەدە ياشايدىكەن. گۈلجەننەت ئىسىملىك بۇ خانىم ئۆزىنىڭ ئىككى قىز قېرىندىشىنى فىنلاندىيەگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى، ھەدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىن بېقىپ چوڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچ ئۇيغۇر دەپىنە قىلىنغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۇرسۇنگۈل ئابدۇشۈكۈر خانىم بىلەن ئىككى بالىنىڭ سۇدا بوغۇلۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان تۇنجى ۋەقە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، بۇنى ئاز دەپ بۇ قازادا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى شۇڭا بۇ خىل قازالاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيادىكى ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىمۇ ھاۋانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسسىپ كېتىشى، سەل كېلىش ۋە ئوت كېتىشكە ئوخشاش ۋەقەلەر كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ ھاۋا بەكلا ئىسسىپ كەتكەچكە ئادەملەرنىڭ سۆرۈنلەش ئۈچۈن كۆل، دەريا ۋە دېڭىزلارغا چۆمۈلۈشى كۆپەيمەكتە. بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، بۇرۇن بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشكە باشلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «30-ئىيۇل كۈنى بىزنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن بىر ئايال بىلەن ئىككى كىچىك بالىنىڭ سارىماساقلى سۇ ئامبىرىدا سۇغا چۆمۈلگەندە بوغۇلۇپ قازا تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى قايغۇردۇق. ئاللاھ بۇلارنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن. مەن قەيسەرىدە 30 يىلدەك تۇرغان، ئۇ سۇ ئامبىرىغىمۇ كۆپ قېتىم دالا يېمىكى يېيىش ئۈچۈن بارغان ئىدۇق. ئەمما بۇنداق بىر ھادىسە بولۇپ باققان ئەمەس. بۇرۇن قەيسەرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، 2014-يىلىدىن كېيىن تايلاند، قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. ئادەم كۆپ يەردە بۇنداق ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەن ياخشى بىلىمەن سارمىساقلى سۇ ئامبىرىنىڭ ھەممە تەرىپىدە ‹بۇ يەردە سۇ ئۈزمەڭلار، بۇ يەرگە كىرىش خەتەرلىك، بۇ يەرگە كىرسەڭلا بوغۇلۇش خەۋپى بار، سۇغا چۈشۈشكە بولمايدۇ› دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان لەۋھەلەر مەۋجۇت. بەلكى قازا تاپقان قېرىنداشلىرىمىز بۇلارغا دىققەت قىلغان بولسا، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتى».

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئىستانبۇلدىمۇ بۇ يىل ھاۋانىڭ ئىنتايىن ئىسسىق بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوخشاش خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتىدۇ. ئىستانبۇلدا ناھايىتى كۆپ ساندا سۇ ئامبىرى ۋە كۆللەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا سۇغا چۈشكىلى بولىدىغان دېڭىز ساھىللىرىمۇ بار. ئۇيغۇرلار بۇ يەرلەرگە بارغاندا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، چەكلەنگەن جايلاردا سۇغا كىرمىسە بۇ خىل قازالاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ».

ئەلۋەتتە، ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى، پەقەت بۇلا ئەمەس، كورونا ۋىرۇسىدىنمۇ مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى، ماسكا تاقاش، ئادەم كۆپ سورۇنلاردىن ئىمكان بار ساقلىنىش ۋە باشقا مۇداپىئە چارىلىرىنى قوللىنىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇرلار 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى» دىن كېيىن كۆپلەپ تۈركىيەگە كېلىشكە باشلانغان بولۇپ، 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈش جەريانىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇر يولدا قازا تاپقان. ئۇلار مالايشىيا، تايلان ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردە دەپىنە قىلىنغانىدى. مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەت ئارقىلىق تۈركىيەگە يەرلەشكەن ھەم ئۇلارنىڭ بىرقىسمى قەيسەرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.