ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن چەتئەل تارىخچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشتا نامى كەڭ تونۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسىرىنى 2010-يىلى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، «سېلېنگا» نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان دوكتور ئاھسەن باتۇر ئەپەندى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ، ئۇيغۇر تارىخچىلار يازغان كىتابلارنى تۇنجى بولۇپ تۈركىيەدە نەشر قىلىپ تارقاتقان كىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخ تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈرك تارىخچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان كىتاب ۋە ماقالىلىرى تۈركىيەدە كۆپلەپ نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تارىخچىلار يازغان كىتابلار تۈركىيەدە نەشر قىلىنمىغانىكەن. تۇنجى بولۇپ دوكتور ئاھسەن باتۇر ئەپەندى 2010-يىلى ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇردى.
تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىد ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەسەرنى ئوقۇشى چەكلەنگەنىدى. نەتىجىدە، بۇ كىتابنىڭ تەسىرى تۈركىيە تارىخچىلىرى ئارىسىغىمۇ يېتىپ كېلىپ، كىتاب نەشر قىلىنىپ 10 يىلدىن كېيىن، ئاھسەن باتۇر بۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، تۈركىيە ئىلىم ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەنىدى.
تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسىرى 3 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈم ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىككىنچى بۆلۈم قاراخانىيلار ۋە ئۈچىنچى بۆلۈم ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىدىن ئىبارەت. ئەسەر 445 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم بېسىپ تارقىتىلدى.
ئاھسەن باتۇر ئەپەندى 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىمۇ يازدىم. ئاساسىي پايدىلىنىش كىتابى دەپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى تۇرغۇن ئالماس خىتايچىنى ياخشى بىلگەچكە، خىتاي مەنبەلىرىدە مۇنداق دېيىلگەن دېمەي، كۆپرەك ئۆز كۆز قاراشلىرىنى يازغان. بۇ ئەسەر ئالاھىدە بىر ئەسەر. يەنى تارىخچىلار پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ قوللانسا بولىدۇ».
دوكتور ئاھسەن باتۇر ئەپەندى «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدىن سىرت يەكەندە قۇرۇلغان سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ تارىخچىسى مىرزا ھەيدەر كوراگانى يازغان «تارىخىي رەشىدى» ناملىق كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، «سېلېنگا» نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. ئۇ، يېقىندا تارىخچى ئەخمەت سۇلايمان قۇتلۇق يازغان «قەدىمدىن 19-ئەسىرگىچە شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان. تارىخ پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكتور ئاھسەن باتۇرنى 30 يىلدىن بۇيان تونۇيدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تارىخچىلار يازغان تارىخ كىتابلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇللاھ جىنقارا ئەپەندى ئاھسەن باتۇرنىڭ ئىلمىي ۋە تەرجىمە ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ تۈركىيە ئالىملىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن بىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئاھسەن باتۇر پەقەت ئۇيغۇرچىدىنلا ئەمەس، باشقا تىللاردىنمۇ ئومۇمىي تۈرك تارىخى ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلارنى تەرجىمە قىلدى. تۈركىي تىللاردا يېزىلغان تارىخ كىتابلىرىنىڭ تۈرك تارىخچىلار ۋە تۈرك ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن بىلىنىشىگىمۇ زور تۆھپە قوشتى».
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى جېلىل تۇران ئەپەندى، دوكتور ئاھسەن باتۇرنىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئىنگلىز، رۇس، ئەرەب ۋە ئۆزبېك تىللىرىدىن تۈركىي خەلقلەرگە دائىر كۆپ ساندىكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاھسەن باتۇر 1954-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيەنىڭ نىغدە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىستانبۇلدا پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىستانبۇل مائارىپ ئىنستىتۇتى فىرانسۇز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئارقىدىن مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نەشرىياتلاردا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. دوكتور ئاھسەن باتۇر تارىخ كىتابلىرىنى نەشر قىلىش ئۈچۈن، «سېلېنگا» نەشرىياتىنى قۇرغان. ئۇ، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرىدىن سىرت ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە رۇس تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلىدىكەن.
دوكتور ئاھسەن باتۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى تونۇلغان تارىخچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىنكاس يېزىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى زور بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.