ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوت ئاپەت رايونىغا بېرىشى تۈرك خەلقىنى سۆيۈندۈردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئانتاليەنىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە بېرىپ ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشماقتا. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 36 ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان ياردەم گۇرۇپپىسى ئوت كەتكەن رايونغا يېتىپ بېرىپ ياردەم خىزمىتىگە قاتنىشىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپەت رايونىغا كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئاپەت رايونىدىكى تۈرك خەلقى قاتتىق سۆيۈنگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابلەت ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «8 كۈندىن بۇيان تۈركىيەدىكى نۇرغۇن، يېزا، قىشلاقلار، قوي-كالا، ھايۋانلار كۆيۈپ كۈل بولدى. كۆپ يەرلەردە ئوت ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، بەزى يەرلەردە تېخى ئوت ئاپىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىزمۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايلارغا بېرىپ ياردەم قىلساق، ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرگە، سۇ توشۇپ، تاماق قىلىپ بېرىپ، ھېچ بولمىسا ئارقا سەپتىنمۇ بولسا ياردەم قىلىپ، تۈركلەرگە ئۇلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىقىمىزنى ئىپادىلىسەك دېدى. بۇ تەلەپكە بىنائەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلار ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىز ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە كونيادىن بولۇپ 36 ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان ياردەم گۇرۇپپىسى ئانتاليەنىڭ ماناۋگات رايونىغا يېتىپ كەلدۇق».

تۈركىيەدە ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئانتاليەنىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە بېرىپ ياردەم بېرىش تەييارلانغان 36 ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان ياردەم گۇرۇپپىسى. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
تۈركىيەدە ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئانتاليەنىڭ ماناۋگات ناھىيەسىگە بېرىپ ياردەم بېرىش تەييارلانغان 36 ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان ياردەم گۇرۇپپىسى. 2021-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.

ئابلەت ئابدۇراخمان ئەپەندى كەلگەندىن كېيىنلا ئارقا سەپتە ياردەم پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن ئەتىگەن يېتىپ كېلىپ ئالدى بىلەن يەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بىلەن قانداق قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بېرىش، ئۇلارغا تاماق قىلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق».

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە 8 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە 183 يەرگە ئوت كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ 167 يەردىكىسى ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، 7 ۋىلايەتتە 16 يەردىكى ئوت ئاپىتى يەنىلا داۋام قىلماقتا. 8 كۈن جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەرگە تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئاپەتتىن ماددىي زىيانغا ئۇچرىغانلاردىن ھال سورىدى، ئوتنىڭ بالدۇرراق ئۆچۈرۈلۈشىنى تىلىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەدە ئوت كەتكەن جايلارنى قايتا بوستانلاشتۇرۇش خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ئوخشاشلا ۋاقىتتا كۆپ يەردە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولغاچقا ياردەم خىزمەتلىرى يېتىشمەيۋاتماقتا. شۇڭا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىسى بىلەن قىزىلئاي ياردەم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقا سەپ ياردەم خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلماقتا. نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «تۈركىستان تېلېۋىزىيەسى» نىڭ مۇخبىرى مۇھەممەد ئالىي ئەپەندى 5-ئاۋغۇست كۈنى 3000 كىشىلىك پولۇ تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى كۆرگەن تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

نۆۋەتتە ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان بولغانلىقى ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەزلىرىگە ئاساسلانغاندا ماددىي زىيان ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.

2019-يىلى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونلىرىدىن مالاتيا بىلەن ۋلازىغ ۋىلايەتلىرىدە يەر تەۋرىگەندىمۇ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئاپەت رايونىغا بېرىپ، پولۇ قىلىپ تارقىتىپ بېرىپ تۈرك خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.