تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئېنىق ۋە سەمىمىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى 24-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن تور يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئېنتىك، دىنىي-ئېتيىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە زىچ باغلىنىشىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئېنىق، سەمىمىي ۋە ئەخلاقىي نورمىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چاقىرىلغان بۇ تور يىغىندا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇستافا شەنتوپ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئېنتىك، دىنىي-ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە زىچ باغلىنىشى بار، شۇڭا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق، سەمىمىي ۋە ئەخلاقىي نورمىدىدۇر. بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىپ ئىشلىتىش ئويىمىز يوق. بىز ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا كۆۋرۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. قېرىنداشلىرىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلىرىدە تىنچلىق، پاراۋانلىق ئىچىدە كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە ھالەتتە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
«ئانادولۇ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 24-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تور يىغىنىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر كۆپ قېتىم بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەتتا بۇ ھەقتە قانۇن لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مۇستافا شەنتوپنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا شەھىرىدىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېگەن سۆزىدە يېڭىلىق يوق، بۇ سۆزلەرنى بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرمۇ دېگەن. ئۇ سۆزىدە لاگېر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماپتۇ. مەنچە، بۇنداق دىپلوماتىيەلىك سۆزلەرنىڭ پايدىسى يوق. تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىل سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ، نامايىشلار بولىۋاتىدۇ. لېكىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا ھەقىقىي باش قاتۇرىۋاتقانلار يوق. مېنىڭچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدا باش قاتۇرۇشى كېرەك. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ئازايغىنى يوق. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى چىرايلىق دىپلوماتىك سۆز ئويۇنلىرىنىڭ ئورنىغا بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىنىڭ بۇنداق دېيىشىدە تۈركىيەگە بولغان تاشقىي ۋە ئىچكىي بېسىمنىڭ، شۇنداقلا كېلەر يىلى تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ بۇرۇنمۇ بۇنداق باياناتلارنى كۆپ قېتىم بەرگەنلىكىنى، بۇ خىل سۆزلەرنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە كۆپ قېتىم جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات سۇنغان ئىدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى مۇستافا شەنتوپنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كونكىرېت خىزمەتلەرنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ 24-ئاۋغۇستتا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن تور يىغىنى توغرىسىدا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر بېرىلگەن. ئەمما بۇ خەۋەردە مۇستافا شەنتوپنىڭ بۇ قېتىملىق تور يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.