ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەلەپ خېتى سۇندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ب د ت بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىغا تەلەپ خېتى سۇندى.

تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىت ياردىم ئەپەندى، «سائادەت» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇقادىر قارادۇمان ئەپەندى، ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە كونيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى، ب د ت نىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق بىناسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. بايانات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ب د ت بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئىككى بەتلىك تەلەپ خېتى سۇنۇلدى.

ئاخبارات باياناتىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى دوكتور بورھان ئۇلۇغيول ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى.

ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق بىناسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتىدە كۆتۈرۈلگەن لوزۇنكا. 2022-يىلى 14-سېنتەبىر، ئەنقەرە، تۈركىيە.
ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق بىناسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتىدە كۆتۈرۈلگەن لوزۇنكا. 2022-يىلى 14-سېنتەبىر، ئەنقەرە، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئارقىدىن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىت ياردىم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ‹كىشىلىك ھوقۇق دەپسندىلىكى› دېگەن سۆز ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇنى بىز ھازىر بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ياخشى بىلىدۇ. بىز ھەممىمىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر خەلقنى، مەدەنىيەتنى، مىللىي كىملىكنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى نۇرغۇن جەھەتتىن تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتىمىز. لېكىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 31-ئاۋغۇستتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ جۈملە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ‹كېلەچەك› پارتىيەسى ب د ت نى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىمز.»

ئارقىدىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىدۋان ئۇز ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشماقتا. بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىدا بولۇشىمىزدىكى سەۋەب، ئۆزلىرى تەييارلىغان دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىشتۇر. يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىمنى ئاز دەپ، خىتاي كورونا ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىدە ئاچ قويۇپ ئۆلۈمگە زورلىماقتا. بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز.»

«سائادەت» پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر قارادۇمان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەزىدە ئاتالمىش ‹تېرور›، بەزىدە ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامى ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا زۇلۇم سالغان خىتاي دۆلىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كورونا ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنى ئۆيلىرىگە قاماپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى، كورونا ۋىرۇسىنى يوقىتىش سىياسىتى ئەمەس، بەلكىبشەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەسلىدە قامال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتىدۇر. بىز بۇ يەردىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شۇنى دېمەكچىمىزكى، ئەگەر خىتاي دۆلىتىنى قامال قىلمىساڭلار، خىتاي دۇنياغا زور ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.»

ئاخبارات باياناتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 3 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت تەلەپ خېتىنى ب د تنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق مەسئۇلىغا تاپسۇرۇپ بەردى، ئارقىدىنلا مەزكۇر خەت ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىغىمۇ تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

بىز تەلەپ خېتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۆزىنى «ياشار» دەپ تونۇشتۇرغان خادىم سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز ئۇيغۇر تۈركلىرى بەرگەن تەلەپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەركەزگە يوللىدۇق، ئۇلاردىن جاۋاب كەلسە، سىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز، رەھمەت!»

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن بەزى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە تەييارلىغان تەلەپ خېتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ 73 يىلدىن بۇيان ئۇچرىغان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىقلىرى ئاڭلىتىلغان. ئاندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خەلئارادا ئېتىراپ قىلىنغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قامال قىلىپ، ئۆلۈمگە زورلاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، ب د ت بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلغان.