تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىدە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

8-9-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋلايىتىنىڭ مەركىزى بىلەن قۇشئاداسى ناھىيەسىدە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىغىنلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە كېڭەيمىچىلىكى مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندىكى ئاساسلىق سۆزلىگۇچى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈركچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ب د ت دىكى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلمەكتە. بۇلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى، خىتاي خەۋپى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بىلەن قۇشئاداسى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا دوكلات بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئايدىن ۋىلايىتىدە بەرگەن دوكلاتىدا لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقارغان ھۆكۈمى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىل دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ھامۇتخان ھۆكتۈرك ئەپەندى بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىسىگە قىزىقىشىدا بۇرۇنقىدىن زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، كۆپ سوئاللارنى سورىغانلىقىنى ئېيتتى.

9-ئۆكتەبىردە ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلانغان.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى رىزا قارايمىر ئەپەندى يىغىن ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دوكلات بېرىش يىغىنى ناھايىتى پايدىلىق بولدى. چۈنكى ھامۇتخان كۆكتۈرك بىلەن نۇرئەلا خانىم شەرقىي تۈركىستانلىق بولغاچقا، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيەدە، خىتاي ياخشى بىلىنمەيدۇ. تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتاينىڭ كېلەچەكتە دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى توغرىسىدا مەلۇماتى يوق. ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن جۈملىدىن دۇنيا ئۈچۈن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي خەۋپىگە قارىتا تۈركىيەنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق دەپ ئويلايمەن. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشنى ئويلاۋاتىمىز».

ئىلگىرى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار كۆپرەك قىزىقاتتى، ھازىر بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، سىياسەتشۇناسلىق، ئىدارە باشقۇرۇشقا ئوخشاش كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار ۋە خەلق ئاممىسىمۇ قىزىقماقتا ھەم بۇ ھەقتە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرماقتا.