تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شتابى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى يىغىندا بەرگەن «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى: قالايمىقانچىلىقمۇ، خاتىرجەملىكمۇ ياكى تىنچلىقمۇ؟» نامىدىكى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى باغدات ئامرەيېف، ئەزەربەيجان دۆلىتىنىڭ سابىق تاشقى باش مىنىستىرى ھەسەن ھەسەنوف ۋە شىمالىي سەيپۇرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەرسىن تاتار سۆزلىدى. ئۇلار سۆزلىرىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ 31 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختىلىپلا قالماستىن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىندا بەرگەن ئىلمىي دوكلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان باشلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە زور قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتىم. بۇ دوكلاتىم يازما شەكىلدە ئېلان قىلىنسا تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تارقىلىدۇ دەپ ئويلايمەن».
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى «تۈركىيە ئاخباراتىدا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ، دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا قانداق ئورۇن ئالغانلىقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتكە بولغان قارىشى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

پروفېسسور، دوكتور ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى يىغىنغا تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كۆپ ساندا دۆلەت رەھبەرلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى».
ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى بۇ يىغىنغا 43 دۆلەتتىن 800 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
9-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان «خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا يەنە بىرقىسىم سىياسەتچىلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بەرگەن باشقا تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدىكى دوكلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالغان.