خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈركىيەدە «تەۋەلىكسىز» قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 2021-يىلى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى بۇزىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ باياناتىدا، يۇرتلىرىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلانى «ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك بىر قىسىم كىشىلەر»، «ئالدامچىلىق» بىلەن «خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىغا قارا سۈركەش ئۈچۈن نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا» دېيىلگەن.

«لاگېر قۇربانلىرى» نامىدا ئائىلىسىنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىۋاتقان ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋوكات جەۋلان شىرمەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشۇ باياناتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى پائالىيەتلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسىتى (ئىقامەت) ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنغان، ھەتتا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسىتى بولغانلارنىڭ گۇۋاھنامىلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن. يەنى تۈركىيەدە خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەر قانداق بىر پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە كىملىكسىز ۋە تەۋەلىكسىز قالدۇرۇلۇش، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئېغىرلاشقان.

ئادۋوكات جەۋلان شىرمەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسىتى تېخىچە ھەل بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرنىڭ ھەل بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىكەن.

ئستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئامىنە ۋاھىت خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2020-يىلى 12-ئايدا ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ 2021-يىلى 8-ئايدا تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن «ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار» دېگەن سەۋەب بىلەن ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان.

تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقىدىكى سەۋەب پەقەتلا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىر كۈچىنىڭ زورىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك سىسىتېمىسىنىڭ بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مەمەتئىمىن نىيازمەمەت 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئالغان. لېكىن بەش يىلدىن كىيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقامىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلگەن. ئىقامىتى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ نورمال ئىشلەش ۋە ياشاش ئىمكانىيىتىمۇ بولمىغان.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قولىدا خىتاينىڭ ۋاقتى ئۆتكەن پاسپورتىدىن باشقا ھېچقانداق قانۇنلۇق كىملىكى بولمىغان؛ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىشلەشتە قىيىنچىلىقتا قالغان، ھەتتا تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قورقۇپ ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىلى كۆپلۈكى مەلۇم بولدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىقامەت ياكى ۋەتەنداشلىق ئىشلىرىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىقامىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلار، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسىلا، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قايتا تەستىقلايدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، گەرچە قېرىنداش تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارغا ھەرۋاقىت قۇچاق ئېچىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قولىدا قانۇنىي كىملىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆزلىرىنى «تەۋەلىكسىز» ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈنسايىن تۆۋەنلىشى ۋە بۇنى پۇرسەت بىلگەن خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئەرزان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تۆكمە قىلىپ بازارغا سېلىشى، شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان يۇمشاق كۈچىنى ھەر ساھەلەرگە كېڭەيتىشى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ راھەتسىز قىلماقتىكەن.

جەۋلان شىرمەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇل ۋە باشقا ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ مەركىزىگە مەخسۇس تۈركىيەنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە خىتايچە رېستورانلار، تىجارەت مەركەزلىرى ئېچىلغان. تۈركىيەدە ئوقۇشنى خالايدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا، خىتايدا ئوقۇشنى خالايدىغان تۈرك ياشلىرىنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتىكەن. ئەمما جەۋلان شىرمەمەتنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھەرقانچە كۈچىسىمۇ، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى بۇ يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قىسماققا ئېلىش ئۇرۇنۇشى ئۇنچىلىك ئاسانغا چۈشمەيدىكەن.

ھالبۇكى، شەرقىي خىتاي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى بۈشرا توپراق، ئۆزىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى كېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

قىسقىسى، خىتاي تۈركىيەدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «ئوقۇتۇش پىروگرامملىرى»، «كوڭزى ئىنىستىتۇتى»، «مەدەنىيەت مەركەزلىرى» نامىدىكى يۇمشاق كۈچ ئىستىراتىگىيەسىنى تۈركىيەدىمۇ قوللانغان. خىتاي يەنە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي داۋالغۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قوللانغان قەرز ئىستراتېگىيەسىنىمۇ ئىشقا سالغان.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتە تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە ئۆزلىرى كۈتكىنىدەك تۈركىيەگە ئۇنچىلىك زور تەسىر كۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا ئېتىراپ قىلىنغىنىدەك، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈركىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، كەڭ تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك ھېسداشلىقى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تىل، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە قان-قېرىنداشلىق جەھەتتىكى كۈچلۈك بېغى، خىتاينىڭ تۈركىيەگە قاراتقان يۇمشاق كۈچ ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ زور توسالغۇ ئىكەن.