10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇيغۇرلاردىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان بەيازىت مەيدانىغا جەم بولدى ۋە قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.
بۇ نامايىشقا تۈركىيەدە تۇنۇلغان دىنى ئالىم مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىممۇ قاتنىشىپ، سۆز قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلغان شەخسلەرنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىگە قولىدىن كېلىدىغان پۈتكۈل ئىمكانلارنى ئىشقا سېلىپ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
نامايىش جەرىيانىدا سۆز قىلغان دىنى ئالىم مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم ئەپەندى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلارنى تەنقىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر تاشقا ئايلانغان يۈرەك ۋە ۋىجدانلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزمەيۋاتىدۇ. ھېچكىم بۇ پەريادلارنى ئاڭلاشنى خالىمايۋاتىدۇ، ھېچكىم بۇ پەريادلارغا ئورتاق بولۇشنى خالىمايۋاتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئاققان كۆز ياشلىرىنى توختىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ. بۇ بەك ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال. بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلغان ھاقارەتتۇر، خالاس.»
مۇھەممەد يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە سىلەر چوڭ بىر جاسارەت كۆرسىتىپ، بىر تۈركۈم قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ئالدىڭلارغا قويۇپ، ئىنتايىن مۇھىم بىر چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىسىلەر. تاشقا ئايلانغان ۋىجدانلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە ۋە دۇنيا جامائىتىگە ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىسىلەر.»
مۇھەممەد يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بۇ سادالىرىڭلاردەك شەرەپلىك ۋە پاك سادا يوقتۇر. شۇنى ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلاردىن خەۋەر ئالالمايۋاتسىلەر، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلار بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان كۆرۈشەلمەيۋاتقان، خەۋەر ئالالمايۋاتقان يېقىنلىرىڭلار مەۋجۇت. ئۇ يەردىكى ئىنسانلار لاگېرلارغا قامالدى ۋە ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالدى. كەلگۈسى ئەۋلادلار ۋەيران بولۇۋاتىدۇ، ئىززەت-نومۇس ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتىدۇ. مەسجىتلەر، مەدرىسىلەر، مازارلىقلار چېقىلىۋاتىدۇ. پۈتكۈل دۇنيا بۇ زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.»
مۇھەممەد يىلدىرىم ئەپەندى دۇنيا جامائىتى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ۋەتەن )تۈركىيە( نىڭ خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ مەزلۇملارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلىماسلىققا، كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىمىز. بىراق شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، بىز بۇ مەزلۇملارنىڭ پەريادلىرىغا قولاق سېلىپ ئۆزىمىز ۋە ۋىجدانىمىزنى ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ كېرەكلىك قارشلىقنى ئوتتۇرىغا قويمىساق، ئۇ نالە-پەريادلار زالىملارنىلا ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلارنىمۇ قوشۇپ ھالاك قىلىدۇ. زالىمغا قارشىلىق كۆرسەتمىگەن، مەزلۇمغا قول ئۇزاتمىغان، مەزلۇمنىڭ كۆز يېشىنى توختاتمىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ زۇلۇمغا شېرىك بولغان بولىدۇ.»
مۇھەممەد يىلدىرىم ئەپەندىزۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىق ئۈچۈن نامايىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ زۇلۇمغا شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرىۋاتىمىز، ئىشىنىڭلاركى، قولۇمدىن كەلسە، ئىمكانىيىتىم يار بەرسە، پۈتۈن ئىشلىرىمنى تاشلاپ سىلەر بىلەن بىرگە شەھەرمۇ-شەھەر ئايلىنىپ، بۇ زۇلۇمنى خەلق ئاممىسىغا جاكارلايمەن. ھەر زامان سىلەرنى قوللايمەن، ھەر زامان سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن!»
ئىگىلىنىشىچە، بەيازىت مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئورۇن ئالماشتۇرۇپ بەيازىت مەيدانىدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم، ھەر چارشەنبە كۈنى نامايىشنى داۋام قىلماقتا.
بۇ نامايىشچىلار نېمە ئۈچۈن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدىن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان بەيازىت مەيدانىغا يۆتكەلدى، يۆتكىلىشكە نېمە سەۋەب بولدى؟ بىز بۇ ھەقتە مەزكۇر نامايىشنى ئويۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتۇر بۇرھان ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ ئورنىنى بەيازىت مەيدانىغا يۆتكەشتە ئاساسلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك خەلقىگە، بولۇپمۇ ئىستانبۇلغا كەلگەن چەت ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم، ھەر چارشەنبە كۈنى بۇ نامايىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.