ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن ئۇيغۇر تازەباي 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-11-04
Share
ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن ئۇيغۇر تازەباي 87 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى، پروفېسسور ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندى ئالامدىن ئۆتتى. 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى، پروفېسسور ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەندە ئالەمدىن ئۆتتى.

1982-يىلى تۈركىيە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر تازەباي 1988-يىلى مەزكۇر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1850-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندى، ئۇنىۋېرسىتېت يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قاتناشقان بارلىق يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن. بۇلاردىن سىرت 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇشىغا ياردەم قولىنى ئۇزاتقان.

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى، پروفېسسور ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندىنىڭ جىنازا نامىزى. 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى، پروفېسسور ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندىنىڭ جىنازا نامىزى. 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.

تۈركىيەدە زور ئابرۇيغا ئىگە بولغان مەرھۇم ئۇيغۇر تازەباينىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنقەرەدىكى دوغراماچىزادە ئالى پاشا مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە تۈركىيەنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، سابىق دۆلەت مىنىستىرلىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاۋام خەلقتىن بولۇپ مىڭلىغان كىشى قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قارا گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيەسىنى بىلدۈردى.

بىز مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك، تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم ئۇيغۇر تازەباينىڭ ئۇلۇغ بوۋىلىرىنىڭ 1850-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر ئائىلىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تازەباي ئالەمدىن ئۆتتى. مەن ئۇنى 1990-يىللاردىن تارتىپ تونۇيمەن. داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق، بىر ھەپتە بۇرۇن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن ئىدىم. بۇ كىشىنىڭ بوۋىلىرى خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن 1750-يىللاردا خوتەندىن تۇرپانغا كۆچۈپ بارغان ئىكەن. بۇلارنىڭ جەمەت لەقىمى ‹تۈمەنباي› ئىكەنتۇق. بۇلار بىر مۇددەت تۇرپاندا تۇرغاندىن كېيىن، تۈركىستان شەھىرىدىكى ئەخمەت يەسەۋىي دەرگاھىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپتۇ. ئاندىن كېيىن 1850-يىللاردا ئىراق ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىگە كېلىپ جايلاشقان ئىكەن. تۈركىيەنىڭ كىلىس دېگەن جايى جوغراپىيە جەھەتتىن بولسۇن، كېلىمات جەھەتتىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاپ كېتىدىغان جاي.»

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر تازەباينىڭ دادىسىنىڭ كىلىستە زور ئابرويغا ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇيغۇر تازەباينىڭ دادىسى ئابدۇللاھ سەرمەت تازەباي بۇرۇن تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدە ‹تازەباي تەككىسى› نامىدا دەرھاگ قۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەش، يەنى ئاقارتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. مەرىپەتپەرۋەر ئائىلە بولغاچقا مائارىپ جەھەتتىن قىلغان خىزمەتلىرى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ زور سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ئىكەن 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقتىدا دەرگاھلار ۋە دىنىي جامائەتلەر چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تازەباينىڭ دادىسى ئابدۇللاھ سەرمەت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى جەريانىدا دەرگاھىنى ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغاچقا، مۇكاپاتلاش تەرىقىسىدە دۆلەت ئۇنىڭ دەرگاھىنى ئېتىۋەتمىگەن ئىكەن.»

تۈركىيە دۆلەتلىك راديو-تېلېۋىزيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىغا زور تۆھپە قوشقان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەرھۇم ئۇيغۇر تازەباينىڭ مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈشكە قارا گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ئۇيغۇر تازەباي مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر تازەباي ئەپەندى 1990-يىللاردا تۇرپاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا تۇرپانغا بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى تۇرپاندا يۇقۇملۇق كېسەل بار دەپ رۇخسەت قىلمىغان ئىكەن. ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئۇيغۇر تازەباي 1934-يىلى كىلىستە دۇنياغا كەلگەن. 1955-يىلى خىزمەت ھاياتىنى باشلىغان ئۇيغۇر تازەباي ئۇزۇن يىللار جەريانىدا تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت