تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ: «شەرقىي تۈركسىتاندىكى بالىلار لاگېرىغا قامالغان 2 مىليون بالىنى ئونتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك!»

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ، «شەرقىي تۈركسىتاندا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ ئائىلىسىدىن تارتىۋېلىنىپ بالىلار لاگېرىغا سۇلانغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئاسسىملاتسىيەسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئونۇتماسلىقىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى «دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىتىم ۋە ئىگە-چاقىسىز بالىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى دۇنيادا ھەر بەش ئۆسمۈردىن بىرسى ئۇرۇش ۋە ھەربىي توقۇنۇش سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. شەرقىي تۈركسىتاندا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنىش ئۈچۈن، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ۋە لاگېرلارغا سۇلانغانلىقىنى ئونۇتماسلىقىمىز كېرەك، بىز بۇ مەسىلىنى ئىجتىمائىيمەسىلە ھەم يېتىم بالىلار مەسىلىسى دەپ قارايمىز».

مەركىىزى ئىستانبۇلدىكى «يېتىملەر ۋەخپى» تەرىپىدىن «دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 19-20-نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىتىم ۋە ئىگە-چاقىسىز بالىلار» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسۇر مۇستافا شەنتوپ، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ رەئىسى ئەلى ئەرباش، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ مۇدىر ۋەكىلى خالۇق ئالقان ۋە «يېتىملەر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى مۇرات يىلماز قاتارلىق كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېتىم ۋە ئىگە-چاقىسىز بالىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا «شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار لاگېرىغا قامالغان 2 مىليون بالىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك!» دېدى. 2022-يىلى نويابىر.

مۇرات يىلماز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا 21 نەپەر ئىلمىي تەتقىقاتچى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان يېتىم بالىلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. بۇ يىغىندا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇستەقىل تەتقىقاتچى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئارىۋېتىلىپ، «ياتاقلىق مەكتەپ» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىدا خىتاي ئۇسلۇبىدىكى مېڭە يۇيۇش مائارىپى بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى جىددىي ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچراتقانلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

«يېتىملەر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى مۇرات يىلماز ئەپەندى بىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلىدىن بۇيان ئىنسانلارنى ئومۇميۈزلۈك قاماپ قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت. خىتاي بۇ جازا لاگېرلىرىنى ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى›، ‹كەسپى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئورنى› دەپ ئاتاۋايقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلگىنىدەك ئۇ يەردىكى يىغىلىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەقسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. د ب ت نىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› دە، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ياكى ئىرقى سەۋەبلىك بىر تۈركۈم ئىنسانلارنى مەقسەتلىك ھالدا بىر جايغا مەجبۇرىي توپلاش، يۆتكەش ياكى زوراۋانلىق قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەقىكللەندۈرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى پۈتۈنلەي ب د ت نىڭ بۇ ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىكىمىگە چۈشىدۇ. خىتاينىڭ بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ سولاپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم».

mustafa-shentop-3.jpg

مۇرات يىلماز ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى لاگېرلارغا قاماشنىڭ خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى» غىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ‹ئاساس قانۇنى›نىڭ 54-ماددىسىغا قارايدىغان بولساق، ‹ئەگەر بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلارنى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھىمايە قىلىپ قارايدۇ» دېيىلگەن. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، خىتاي ئۆزىنىڭ ‹ئاساسىي قانۇنى›نىمۇ دەپسەندە قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى «دارىلتام» نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامىماقتا. ھازىر ئۇ لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارنىڭ جىددىي رەۋىشتە خىتاينىڭ ئاسسىمىلاتسىيە ۋە مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇ لاگېرلاردا بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشى چەكلەنگەن، ئۇلار پەقەتلا خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرىلانماقتا. ئۇلار لاگېرلاردا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرى بىلەن ياشىيالمايدۇ، مىللىي تاماقلىرىنى يىيەلمەيدۇ، خىتايلار بەرگەن چوشقا گۆشى ئارىلاشتۇرۇلغان تاماقلارنى يېيىشكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلاردىن چىققان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى تاپالىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ بالىلارنىڭ ئىز-دىرىكى يوقىتىۋېتىلگەن، ھەتتا بەزى بالىلارنى خىتاي ئائىلىلىرىگە بېقىۋېلىش ئۈچۈن بېرىۋېتگەنلىكى مەلۇم. بۇ تېمىدىكى مەلۇماتلار خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ھەر خىل خەۋەر ۋە ماقالىلاردا دەلىل-ئىسپاتلىق يورۇتۇلماقتا.»

مۇرات يىلماز ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر بالىلارنى بۇ ئېغىر قىسمەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاندىكى بالىلار توغرىسىدا پەۋقۇلئاددە قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز. مەن ‹يىتىم ۋە ئىگە-چاقىسىز بالىلار› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەكىتلىگىنىمدەك، دۇنيا، شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنى قۇتقۇزىۋېلىش ئۈچۈن بىر قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك».

بىز يەنە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركسىتان نۇزۇگۈم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئۇيغۇر بالىلار مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئۇ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا بۇ خىلدىكى يىغىن ۋە پروگراممىلارنىڭ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇم ئاستىدا قالغان پەرزەنتلەر ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنى ئويغىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە قارىتىشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىمۇ بالىلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ تەخىرسىز ۋە جىددىي تېمىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەيدۇ، دېدى.