ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى: «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلار توسالغۇ ئەمەس، بەلكى بىر پۇرسەتتۇر»

0:00 / 0:00

4-دېكابىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىننى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈرك دۇنياسى ۋەخپى، مىللەتپەرۋەر ئۈلكۈجى ئاكادېمىكلار بىرلىكى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ، تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئاندىن كېيىن «ئىلھام توختى گۇرۇپپسى» نىڭ باشلىقكى ئەنۋەرجان سۆز قىلىپ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. يىغىندا يەنە تۈرك دۇنياسى ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور دوكتور مەخمۇت ئاق ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور مەخمۇت ئاق ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان تۈركلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەسلىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر. نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىمىزنىڭ ئازاب-ئوقىبەتلىرى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى داغلىدى ۋە ئاچچىق بىر تارىخىي ئەسلىمە بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ دەۋاسى بىزنىڭ دەۋايىمىزدۇر، ئۇلار تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئامانىتى، شۇنداقلا قان-قېرىنداشلىرىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ باشقا قان-قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاشلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان تۇپراقلاردا بىخەتەر ياشىشى ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىزدۇر.»

پروفېسسور مەخمۇت ئاق ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ توسالغۇ ئەمەس، بەلكى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مۇناسىۋەتتۇر. ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە دۆلىتىمىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە ئۇيغۇر تۈركلىرى توسالغۇ بولماستىن، ئەسلىدە بىر پۇرسەتتۇر. تېخىمۇ توغرىسى، بۇنى بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بىز بىر ئاكادېمىك ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىز قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋەزىپىلىرىمىزنى تىز پۇرسەتتە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئادا قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن.»

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە ئىلمىي خادىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

پروفېسسور دوكتور مەھمەت ئاكىف ئوقۇرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشقان يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە، پروفېسسور دوكتور ھەسەن كۆنى «تۈركىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ بۇنى ئۈمىد قىلىېدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان ئەزەربەيجانلىق تەتقىقاتچى ۋۇسال ھەسەنزادە مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسى بىلەن خىتاينىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى سېلىشتۇرغاندا، تۈرك دۇنياسىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرالىغۇدەك بىر كۈچ تەڭپۇڭلۇقى يوق، بىراق تۈرك دۇنياسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ياخشى قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمەن. چۈنكى ئوتتۇرا لىنىيە بولماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. خۇسۇسەن قازاقىستاندىكى ياش ئەۋلاتلار ئارىسىدا خىتاي ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى غەربىي تۈركىستانغىمۇ كېڭەيتىدۇ، ددەيدىغان بىر ئەندىشە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن قازاقىستاندىكى ياشلار ئارىسىدا ياۋروپا تەرەپكە كۆچۈش كۆپىيىۋاتىدۇ، قازاقىستاننىڭ نوپۇسىدا ئازىيىش بولۇۋاتىدۇ. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىدىكى ئوتتۇرا لىنىيە بولۇشتىن ئىبارەت جۇغراپىيە ئەۋزەللىكىنى بىر كوزىر سۈپىتىدە خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كېلىشىملەردە ياخشى قوللىنىشى كېرەك. ئەسلىدە خىتايغا قارىتا بۇ كوزىرنى قوللىنىش، مەيلى شەرقىي تۈركىستاندىكى قانداشلىرىمىز ئۈچۈن بولسۇن مەيلى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولسۇن، ئىجابىي رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.»

ۋۇسال ھەسەنزادە سۆزىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قەرز دىپلوماتىيەسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاينىڭ قەرز دىپلوماتىيەسى مەۋجۇت. قىرغىزىستان ھازىر خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. تاجىكىستان بەزى يەرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، قىرغىزىستاندا خەلق ئاممىسى خىتايغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى، خىتايلارنىڭ قىرغىزىستاندا پەيدا قىلغان بەزى مەسىلىلىرى خەلق ئاممىسىنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. تۈركمەنىستان خىتاي بىلەن بولغان كېلىشىمدە ئىشچىلارنىڭ يۈزدە 70 پىرسەنتىنىڭ تۈركمەن ئىشچىلاردىن تەركىب تېپىشى شەرتىنى قويدى، خىتاي بۇنى قوبۇل قىلدى.»

ۋۇسال ھەسەنزادە سۆزىدە يېقىندا قۇرۇلغان «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان ‹تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى› نى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، ئۇنى خىتايغا قارشى ئېھتىياتچان سىياسەت ئېلىپ بېرىشىمىزغا ياردەمچى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن، تۈرك دۇنياسى كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرگەن تەقدىردە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن، شۇنداقلا بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن.»

يىغىندا يەنە پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى» دېگەن تېمىدا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم «21-ئەسىردىكى چوڭ ئۆزگىرىش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

مەزكۇر يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە سەۋەبلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، يېقىندىن بۇيان تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە پىكىر-ئىختىلاپى يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىسىغا قاراپ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى، خەلقئارالىق بەزى مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پىكىر-ئىختىلاپى پەيدا بولغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كېلىشىملەردە كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.