تۈركىيە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ كۆپ كۆچۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، 2009-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، 2016-يىلىغىچە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. يېقىندا ئېلان قىلىنغان رەسمىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە 2002-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە 5 مىڭ 836 ئۇيغۇرنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلغان. ئەمما ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن 95 مىڭ 845 نەپەر ئاخىزكا تۈركىگە پۇقرالىق بېرىلگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىلدا ئاران 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرغىلا پۇقرالىق بېرىپ، ئەكسىچە سۈرىيەلىكلەر، ئاخىزكا تۈركلىرىنى ھەسسىلەپ پۇقرالىققا قوبۇل قىلىشى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئەمما، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش سالاھىيىتى، يەنى «ئىقامەت» بېرىش بەلگىلىمىسىنى چىقارغانىدى. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرغانلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلىپ كەلگەنىدى. بەلگىلىمىدە 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ بەلگىلىمىگە بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىگە ئىقامەت بېرىلگەندىن سىرت، مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرغا تۈركىيە پۇقرالىقىمۇ بېرىلگەنىدى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 19 مىڭ 328 نەپەر، ئاخىزكا تۈركلىرىنىڭ سانى بولسا 26 مىڭ 681 نەپەر ئىكەن. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئاخىزكا تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەنىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە كېيىنكى 7-8 يىل ئىچىدە تۈركىيەگە كېلىپ جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 25-30 مىڭ ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ئۇلار بىرقانچە دۆلەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۈركىيەگە كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرقىسمى يولدا كىملىك ھۆججەتلىرىنى يوقىتىپ قويغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسەتنامىسى ئېلىشىنىڭ بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىققا ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنىڭمۇ بۇنداق ئاستا بولۇشى ۋە 20 يىلدا پەقەتلا 6 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق، يەنى پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەنىڭ دۆلىتى بار مىللەتلەرگە كۆپلەپ پۇقرالىق بېرىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بۇنداق تەستە بېرىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى سەرۋەت خانىم مۇنداق دېدى: «ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 2002-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە 5 مىڭ 836 ئۇيغۇرنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلىپتۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئىسكەنجىگە ئۇچراۋاتسا، پۇقرالىق بېرىلگەنلەرنىڭ سانى سۈرىيەلىككە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاز. بىر مىسال بەرسەم خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىنىڭ يۈزمىڭ نوپۇسى بار بولۇپ، بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىلا 20 مىڭ ئەتراپىدا. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق بېرىشى كېرەك».
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى نەزەردە تۇتۇپ، 2010-يىلى بىراقلا 3 مىڭدەك ئۇيغۇر مۇھاجىرغا پۇقرالىق بەرگەنىدى.