تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى 10-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاكارلاش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانىدى. 10-مارت كۈنى مەزكۇر تەكلىپ توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىندا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىيى پارتىيە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاپ قول كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرمەي تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان.
مەزكۇر مۇزاكىرە يىغىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت 3 قانال تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. مۇزاكىرىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە مەزكۇر لايىھىنى سۇنغان لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىغا مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسنى سۇنۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىسمىنىڭ بېشىدا ‘تۈرك’ ئاتالغۇسى يېزىلغان تۈركىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز. بىز ئىيى پارتىيەسى ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، قارار لايىھىسى سۇندۇق. بىر ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ تېخى جاۋاب كەلمىدى. ئۆزىنى مىللەتچى دەپ ئاتىۋالغانلارنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز. مىسىر، سۈرىيە ۋە پەلەستىنلىك ئەرەبلەرگە ئىگە چىقىۋاتقان ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز».
پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارتىيەلەرنى ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىماستىن ئىيى پارتىيە سۇنغان بۇ لايىھىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ئىيى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنى ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلىماستىن خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سۇنغان بۇ قارار لايىھىمىزنى قوللاشقا چاقىرىمىز. تۈرك مىللىتى تارىختىن كەلگەن ئەخلاق پەزىلىتى بويىچە زالىمنىڭ زۇلۇمى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرسا بولمايدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىغا يارىشىدىغان تۈستە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى ئورتاق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىمىزنى ئىلتىماس قىلىمەن».
تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ تەكلىپ لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنغاندا ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ، پوزىتسىيە بىلدۈردى. پارلامېنتتا «خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئالىي كەنانئوغلۇ ئەپەندى سۆزلىدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، «ئىيى» پارتىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ھەممىڭلارغا ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى چەكلەنگەن، دىنىي ئېتىقادى مەنئى قىلىنغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىمۇ ئازايتىۋېتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ ئۇيغۇرلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى، ئىسكەنجە ۋە سىستېمىلىق تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشىمىز، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان تۈرك بولۇشى مۇھىم، لېكىن بىز قەيەردە ئېزىلگەن خەلق بولسا ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى قوللايمىز. چۈنكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئېغىر بېسىم ئاستىدا».
ئارقىدىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزاسى بۇرجۇ كۆكسال خانىم سۆز قىلىپ، پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مۇسۇلمانمەن، تۈركمەن ئەڭ مۇھىمى مەن ئادەم دېگەن ھەرقانداق كىشى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقانلارغا قاراپ تۇرسا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر بۇنىڭدا سەمىمىي بولساڭلار بۇ لايىھىنى قوللاڭلار تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرىدىغان بىر كومىتېت قۇرايلى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقايلى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى بىر تۆھپە قوشسۇن، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خانىم-قىزلار، بالىلار ۋە دادىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى قويۇپ باقايلى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بەكلا ۋەھىمىلىك».
ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان تۈركىيە پارلامېنتىدا ئەڭ كۆپ پارلامېنت ئەزاسى بار ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزاسى ئاتاي ئۇسلۇ ئەپەندى سۆز ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىككى قېتىم خىتاينى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى دېدى: «خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتىدا ئورۇن بېرىلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز بىلەن تارىخىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقنى، دىنىي ئېتىقادىنى ۋە مەدەنىي ھەقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق قۇرۇلۇشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشقا داۋام قىلىمىز. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز. بىز بۇ مەسىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈش سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.»
ئاتاي ئۇسلۇ ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلىشىگە ئوخشاش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
10-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە پارلامېنت ئەزالىرى قول كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئاۋاز بىلدۈردى. ئاخىرىدا يىغىن رىياسەتچىسى مەزكۇر لايىھىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
2018-يىلى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۇرقان ئەپەندى بىلەن، خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى رەئىسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى.