مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئون دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 42 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە 908 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2142 كىشى ساقايغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئائىت ئاۋازلىق ئۇچۇرلار ۋە قىسقا يازمىلار تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشەلەنمەكتە ئىكەن.
بىز يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «كورونا ۋىرۇسى ياردەم مەركىزى» نىڭ باش مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، تۈركىيەدىكى خادىملىرىدىن ھەبىبۇللاھ كۆسەننى، ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئالاقىلەشتۇق، لېكىن ئۇلار يۇقۇملانغۇچى ئۇيغۇرلار توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز يەنە تۈركىيەدىكى كورونا ۋىرۇسى ياردەم مەركىزىنىڭ خادىملىرىدىن مەرۋە خانىمنى ۋە «يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» دىن ئابدۇرېشىت ئىمىن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.
ۋىرۇس ياردەم مەركىزى خادىملىرىدىن مەرۋە خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ياردەم پائالىيەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىۋاتقان سۆز-چۆچەكلەر ھەققىدە توختالدى. مەرۋە خانىم تۈركىيەدە ئۇيغۇرلاردىن يۇقۇملانغانلار بولسىمۇ، تېشىدا يۈرۈپ ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇۋاتقان ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى، دىياگنوز قويۇلغانلار ياكى دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى كارانتىنغا ئېلىۋاتقانلىقىنى، كوچىدا يۈرۈپ بىر-بىرىگە يۇقتۇرۇۋاتقان ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» دىن ئابدۇرېشىت ئەمىن ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ كىشى كورونا ۋىرۇسى دىياگنوزى قويۇلغان بولۇپ، بىر كىچىك بالا بىلەن بىر ئەر كىشى داۋالىنىپ ساقايغان، يەنە بىر ئايال دوختۇرخانىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆيىدە ئۆزىنى كارانتىنغا ئالغان.
تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللاھ ئەزىز ئەپەندىم ۋىرۇس كرىزىسى جەريانىدا «ۋاپاغا ۋاپا» نامىدا ئېلىپ بارغان ياردەم پائالىيەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ھازىرغىچە تۈركىيەدە 139 رايون كارانتىنغا ئېلىنغان، شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش پۈتۈنلەي توختىغان بولۇپ، ئاتاتۈرك ئايرودرومى ۋە سانجاكتەپەدە جىددىي ۋابا دوختۇرخانىسى سېلىنماقتا ئىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ قاتتىق يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇلدا تاكسىغا 2 كىشىدىن كۆپ كىشىنىڭ چىقىشىنى چەكلىگەن، دۇكانلار 09:00 بىلەن 20. 00 سائەتلىرى ئارىسىدا ئېچىلىدىكەن. مېترو كەچ سائەت 9 دىن كېيىن توختىتىلىدىكەن. 65 ياشتىن يۇقىرى 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ كوچىغا چىقىشى چەكلەنگەن، ماسكا تاقاش مەجبۇرىي ھالغا كەلگەن.
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، كورونا ۋىرۇسى ۋە كورونا ۋىرۇسى جەريانىدىكى تەدبىرلەر خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بۇ جەرياندا تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، تۇل ئايال، يېتىم-يېسىرلار، ۋىرۇس كرىزىسى سەۋەبلىك كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەر قىيىن ئەھۋالدا ئىكەن.
ۋىرۇس كرىزىسى جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ۋابا جەريانىدىكى ئاساسى ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 26 كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مائارىپ جەمئىيىتى، تەشكىلاتلار بىرلىكى، ئۆلىمالار بىرلىكى، ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ باش قوشۇشى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن «ۋىرۇس ياردەم مەركىزى» قۇرۇلغان. ياردەم مەركىزىنىڭ باش مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋىرۇس ياردەم مەركىزىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋىرۇس كرىزىسى جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش. ۋىرۇس بىلەن بىۋاسىتە يۇقۇملىنىپ، داۋالاشقا موھتاج بولغان كىشىلەردىن باشقا ۋىرۇس كرىزىسى سەۋەبلىك قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرگىمۇ ياردەم بېرىمىز.»
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ۋىرۇس بىلەن بولغان كۈرەشتە سەھىيە ساھەسى بىۋاسىتە چوڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقى، داۋالاش خىزمىتىدىكى ئىقتىسادىي بېسىم، دوختۇرخانا يېتىشمەسلىك، داۋالاشقا ئىشلىنىدىغان دورا ۋە تېببىي مەھسۇلاتلارنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىق ئەھۋاللار پۈتۈن دۇنيا ئۇچراۋاتقان سەھىيە مەسىلىسى ھېسابلىنىدىكەن.
دوكتور نامەتجان مەھمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىز داۋامىدا تۈركىيەنىڭ كورونا ۋىرۇس تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىغا نىسبەتەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى، ئومۇمىي سانغا نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، يېڭى ئېلىپ بېرىلغان تەدبىرلەرنىڭ بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدە سەھىيە ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كورونا ۋىرۇسى كرىزىسىغا قارشى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوختۇر پەخىردىن ئەپەندىم كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىغا قارشى سەھىيە خىزمىتىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
0:00 / 0:00