تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ قايتا كۆپەيمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلاپ، 9 ئاي ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادا 30 مىليون 800 مىڭ 777 ئادەم يۇقۇملانغان، 958 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى-كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانىنىڭ قايتا كۆپىيىشى كىشىلەردە ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجا 20‏-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانىنىڭ شۇ كۈنى يانى 20-سېنتەبىر كۈنى 1519 غا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 61 گە يەتكەنلىكىنى، بىمارلار ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تۈركىيەدە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، تۈركىيەدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 21-سېنتەبىر كۈنىدىن تارتىپ ئېچىلىدىغانلىقىنى، بەزى سىنىپلاردا يۈزتۇرانە دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقىنى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دەرس باشلايدىغانلىقىنى، تىياتىر، كۆرگەزمە، ھەر خىل يىغىن ۋە توي-تۆكۈنلەرغا قويۇلغان ۋاقىت ۋە سان چەكلىمىلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئىستانبۇل بىلەن قەيسەرى شەھىرىدە ياشىماقتا. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى دوختۇرلار، ئاخبارات ئورگانلىرىدىن كىشىلەرنىڭ بۇ ۋىرۇستىن ساقلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. لېكىن كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار بىلەن ۋاپات بولغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلماقتا.

ئۇنداقتا كونونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈنسايىن كۆپىيىشتىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قائىدىلەرگە رىئايە قىلىۋاتامدۇ؟ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت، ئىستانبۇلدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغان ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ۋە بەزى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دۇنيادا ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بۇ كېسەللىكنىڭ 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تۈركىيەدە بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردا قايتىدىن كۆپىيىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا نامەتجان مەمەت ئەپەندى بۇنىڭ 5 خىل سەۋەبى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھازىرغىچە دۇنيادا بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ دورىسى تېپىلمىغاچقا خەلق ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان مەزكۇر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى 14 ماددىدىن تەركىب تاپقان قائىدە ئېلان قىلغانىدى. لېكىن تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تۈرك خەلقىنىڭ كۆپىنىڭ بۇنىڭغا رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا تۇرۇۋاتقان سۇبىنۇر ئۆمەر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ماسكىمۇ تاقىماي، ئارىلىقمۇ قويماي، تويلارغا بېرىپ بۇرۇنقىدەكلا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدە تاجسىمان ئۆپكە ياللۇقى-كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ساقايغان كىشىلەردىن بىرى ھەبىبۇللا ئۇيغۇر ئەپەندىدۇر. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئۈمىدۋار بولسا، ياخشى ئوزۇقلىنىپ ياخشى ئارام ئالسا ۋىرۇسنى يېڭگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇل باغچىلار دۆلەت دوختۇرخانىسىدا كورورا ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچى گۇمانى بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئابدۇساتتار ھاجىم، 4 كۈندىن بۇيان كارانتىن ئاستىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى ئابدۇررەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا كورونا ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ سانىنىڭ تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ تۈركلەرنىڭ يۇقۇملىنىشى نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلاردىكى يۇقۇملىنىشنى بەك كۆپ دېگىلى بولمايدىغانللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى ئاممىۋى ساغلاملىق كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئەپەندى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تازىلىققا دىققەت قىلىش، ماسكا تاقاش ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق قويۇشتىن سىرت دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توختالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى قىزىش، قۇرۇق يۆتەل، نەپەس يولى سىقىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۈركىيەدە تۇنجى كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ۋەقەسى 11-مارت كۈنى بايقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە تۈرك پۇقراسى 2 ئۇيغۇر ۋاپات بولغان، 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر يۇقۇملانغان.