سىراجىددىن قەشقەرلى: «مېنىڭ مەقسىتىم دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون بولۇش»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان مۇسابىقە تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر ياش زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ، بولسىمۇ تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان سىراجىددىن قەشقەرلىدۇر. ئۇ، تۈركىيە بويىچە ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

18-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ئاقساراي ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ھەسەنتېغىغا ۋېلىسىپىت بىلەن چىقىش مۇسابىقىسىنىڭ مىس مېدالىغا ئۇيغۇر ياش سىراجىددىن قەشقەرلى ئېرىشكەن. ھەسەنتېغىنىڭ ئېگىز نۇقتىسىغىچە بولغان مۇساپە 35 كىلومېتىر بولۇپ، تۈركىيە بويىچە 70 ماھىر ئارىسىدا مانا بۇ ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا ۋېلىسىپىت بىلەن ئۈچىنچى بولۇپ چىققان ئۇيغۇر ياش سىراجىددىن قەشقەرلىدۇر. ئۇنىڭ مىس مېدالىنى ئاقساراي ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى مەھمەت ئالى قۇمبۇزئوغلى تەقدىم قىلغان.

تۈركىيەنىڭ ئاقساراي ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ھەسەنتېغىغا ۋېلىسىپىت بىلەن چىقىش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ياش سىراجىددىن قەشقەرلى مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، تۈركىيە
تۈركىيەنىڭ ئاقساراي ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ھەسەنتېغىغا ۋېلىسىپىت بىلەن چىقىش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ياش سىراجىددىن قەشقەرلى مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، تۈركىيە (Sirajiddin Qeshqerli)

سىراجىددىن قەشقەرلى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈرك تىلىدا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ، تۈركىيە ۋېلىسىپىت فېدېراتسىيەسى بىلەن ئاقساراي ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئورتاق ئۆتكۈزگەن تۈركىيە تەنھەرىكەتچىلىرىلا قاتناشقان مۇسابىقە ئىدى. تۈركىيەدىكى 50 ئەتراپىدا شەھەردىن كەلگەن ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى. مەن ياش گۇرۇپپىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدىن تاغقا ئۈچىنچى بولۇپ چىقىپ مىس مېدالغا ئېرىشتىم. ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم».

ئۇ، مېدالنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز دېسىڭىز؟ سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئىزاھلاپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر تۇيغۇ. مەن بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەك تىرىشتىم. ماڭا ئوخشاش بەزى ماددىي ئىمكانى يوق كىشىنىڭ كۆپ تىرىشىش ئارقىلىق ئۈچىنچى بولغانلىقىم مىللىتىم ئۈچۈن، مىللىتىمنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بەك ياخشى بولدى دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ، ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ۋېلىسىپىت مىنىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن 5-سىنىپتىكى ۋاقتىمدا ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگەنگەنىدىم. بىزنىڭ مەھەللىدە نەگە بارسام ۋېلىسىپىت بىلەن باراتتىم. ۋېلىسىپىتكە مىنىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. مەن ئالىي مەكتەپتە جەمئىيەتشۇناسلىق ئوقۇدۇم. بۇ جەرياندا گىرېتسىيەگە بىلىم ئاشۇرغىلى بارغانىدىم. ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رەسمىي تەنھەرىكەت ۋېلىسىپىتىمنى ئېلىپ بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنى باشلىدىم. كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە داۋاملىق جاپالىق مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە بۇ نەتىجىگە ئېرىشتىم.»

تۈركىيەنىڭ ئاقساراي ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ھەسەنتېغىغا ۋېلىسىپىت بىلەن چىقىش مۇسابىقىسى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، تۈركىيە
تۈركىيەنىڭ ئاقساراي ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ھەسەنتېغىغا ۋېلىسىپىت بىلەن چىقىش مۇسابىقىسى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 18-ئاۋغۇست، تۈركىيە (Sirajiddin Qeshqerli)

ئەنقەرەدە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان سىراجىددىن 11 يېشىدىن باشلاپ ۋېلىسىپىت مىنىشكە باشلىغان. دادىسى مىركامىل قەشقەرلىنىڭ قوللىشى بىلەن ھازىرغىچە ۋېلىسىپىت مەشقى قىلىش جەريانىدا كۆپ قېتىم يارىلانغان. دادىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن تۈركىيە بويىچە ئۈچىنچى بولغان. ئۇنىڭ دادىسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئوغلى سىراجىددىننىڭ بۇ ئۇتۇقىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ ئەڭ زور ئارزۇسىنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولۇپ، خەلقئارا سورۇندا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەلىك ۋېلىسىپىت مىنىش ماھىرى گۆكخان شەنسوي ئەپەندى، سىراجىددىن بىلەن تونۇشقىلى 2 يىل بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋېلىسىپىت مىنىش ماھىرلىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ نەتىجە قازانغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېلەچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە تۈركىيە بويىچە ماھىرلار قاتناشقان بىر مۇسابىقە ئىدى. جەمئىي 70 تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق ۋېلىسىپىت مىنىش ماھىرلىرىمۇ بار ئىدى. مۇسابىقىدە سىراجىددىن ئۇلارنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولغانلار بىلەن ئاز پەرق بىلەن ئۈچىنچى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىراجىددىن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ۋېلىسىپىت مىنىشنى مەشىق قىلىۋاتقان كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى زور بىر ئۇتۇق دەپ ئويلايمەن.»

تۈركىيەدە ئۇيغۇر نوپۇسى بەك كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بوكس ماھىرلىرى بار ئىدى، ئەمما تەنھەرىكەتنىڭ باشقا تۈرلىرىدە نەتىجە قازىنالىغانلار يوق ئىدى. سىراجىددىن قەشقەرلىنىڭ ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولۇشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىغا زور ئىلھامبەخش كۈچ بولدى.