رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋار بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەپتە يەنى 10-يانۋاردىن 15-يانۋارغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ئومان، بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 12-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى يازمىسىدا كۆرۈشۈشتە دېيىلگەن مەزمۇنلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مەزكۇر كۆرۈشۈشتە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە توختالدۇق. كۈنتەرتىپىمىزدىكى مەسىلىلەرگە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىمىزنى ۋە بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيەنمۇ بۇ جۈمە كۈنى يەنى 15-يانۋار كۈنى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 11-يانۋار كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىلەن ئىران مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ».
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەسىرىنى پارىس قولتۇقى ئەللىرىگە كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ».
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرگە قارىغاندا كۆزەتكۈچىلەر، يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندىمۇ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇ ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك مەزگىلىدە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە سىياسىي جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ يى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلا مىنىستىرى بىلەن ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارغان. خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا بېيجىڭ رىياد بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە، تور سودىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تۈرلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان. دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن خىتاي تەرىپىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر مۇزاكىرىنىڭ بولغان بولمىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
بۇ ھەقتە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئولىمپىك يېقىنلاشقانسېرى غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلغاندىن كېيىن دۇنياغا ئۆزىنىڭ يالغۇز قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە ئىقتىساد ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرمىلاپ ئىسلام ئەللىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ».
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي كوزىر ئارقىلىق، بولۇپمۇ ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۆتۈرىگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى سىزغان سىزىقىدىن چىقالماس قىلىپ قويۇشى 2017-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن. ئىسلام ئەللىرى ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىپ ئاۋاز بەرگەن ئىدى.