تۈركمەن-خىتاي رەھبەرلىرى «ئۈچ خىل كۈچ» كە ئورتاق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوف 6-يانۋار بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە بۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى زور بىر يېڭىلىق بولۇپ، تۈركمەنىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىن «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دەرىجىسى» گە كۆتۈرۈلگەن. ئىككى دۆلەت رەئىسلىرى بىرلەشمە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بولۇپمۇ خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ئورتاق قاراشتا بولىدىغانلىقى شۇنىڭدەك تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ۋە «ئۈچ خىل كۈچكە بىرلىكتە قاتتىق زەربە بېرىش» تەكىتلەنگەن.

خىتاي، 1991-يىلى تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، 2013-يىلى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك توختامنامىسى تۈزگەنىدى. بۇ قېتىم تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى تەختكە چىقىپ بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن ھەمدە يەنە قايتىدىن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش تەكىتلەنگەن. .

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوف بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان ئورتاق مەتبۇئات باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان «ئۈچ خىل كۈچ» دەل ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر نۇقتىنىڭ ئىككى دۆلەت يېڭى ھەمكارلىقىدىن ئورۇن ئېلىشى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن بولغان.

مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىغا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەۋاتقان دۆلەتلەرگە قارشى مەيدان ھاسىل قىلىشتا تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېھتىياجلىقتۇر.

بىراق، تۈركمەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە تۈركمەنىستان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەڭ ئاز بىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەن. بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركمەن ژۇرنالىست، ئەسادۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە تۈركمەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن پەقەت خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۈركمەن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بار. ئۇلار تۈركمەنىستاننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى بۇ پوزىتسىيەسىگە قارشى. ئەپسۇسكى بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن بىخەۋەر. خىتاينىڭ تۈركمەنىستان ئۈچۈن زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مەن ئۇلارغا داۋاملىق شۇنى دەپ كېلىۋاتىمەن، ‹شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ پەلەستىنى، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك›، بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان نەرسە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى زىيالىيلار خىتاينىڭ زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. تۈركمەنلەرمۇ ئاستا-ئاستا تونۇپ يېتىدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن زېمىنغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇڭا خىتايدىن كېلىدىغان خەۋپلەرنى بۇ دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قوشنىسى ۋە قان-قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى تېخىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەت، كۈلپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ھازىر ئىككى نەرسىگە ئېھتىياجى بار، بىرى ئېنېرگىيە، يەنە بىرى زېمىن. بۇنىڭ ئىككىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆز دۆلەتلىرىنى قوغدىيالايدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەس. شۇڭا خىتاي خەۋپىدىن ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك».

تۈركمەن ژۇرنالىست، ئەسادۇللاھ ئوغۇز ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئورتاق سىياسەت بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئورتاق سىياسەت بەلگىلەش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى خىتاي بىلەن ئالاقە قۇرغاندا چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ئەگەر تېررورلۇق پائالىيەت قىلسا بىزمۇ قارشى چىقىمىز. لېكىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات، ئۇلارغا ياشاش ھوقۇقى بەر› دېيىشى كېرەك. ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئورتاق ئۇيغۇر سىياسىتى بەلگىلەپ چىقسا تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقىغۇ تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئەسادۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى تۈركمەنىستاننىڭ شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش پەقەت دېموكراتىيە يوق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇرۇنقى دۆلەت باشلىقى بەردىمۇھەممەدوفنىڭ ئوغلى سەردار بەردىمۇھەممەدوف تۈركمەنىستاننى دادىسى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتىدۇ. كۆرۈنۈشتە دۆلەت باشلىقى سەردار بەردىمۇھەممەدوف، ئەمما پۈتۈن ھوقۇق ھازىرمۇ دادىسىنىڭ قولىدا. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنلىرىغا دادىسى قاتنىشىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى تۈركمەنىستان كىشىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىيە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ۋەزىيەتتىكى دۆلەت».

ئەسادۇللاھ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى ۋە تۈركمەنىستان سىياسەتچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش تەلىپىگە بۇرۇنمۇ ماقۇل دېگەن، ھازىرمۇ ماقۇل دېدى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىك ھوقۇققا قارشىدۇر. دېمەك، بۇ جەھەتتە دىكتاتۇرلار بىرلەشتى دېگەن گەپ.

تۈركىيە دۆلەتلىك راديو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ ئاۋازى راديوسىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركمەنىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى جەھەتتىن خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا زور كۆلەمدە تەبىئىي گاز كېلىشىمى بارلىقى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىن تۈركمەنىستاننى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقى، تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، دۇنيادىن يېپىق تۈركمەنىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بىخەۋەر ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. .

خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە تۈركمەنىستاندىن خىتايغا ئىمپورت قىلىنىدىغان گاز مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلاردىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى مەۋجۇت بولۇپ، تۈركمەنىستان خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن ئەڭ كۆپ تەمىنلىگۈچى دۆلەتتۇر. تۈركمەن گازلىرى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە ھەم ئىچكىرى خىتايغا توشۇلىدىكەن.

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەردار بەردى مۇھەممەدوف بېيجىڭدا ئىككى كۈن زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كۆپى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي رەھبەرلىرىمۇ دادىسىنىڭ ئورنىغا چىققان مەزكۇر ياش پرېزىدېنتنى ناھايىتى داغدۇغا بىلەن قارشى ئالغان.