تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە «بىر خىتاي پرىنسىپى» نى قوغدىشىنى، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان ھەر جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تېخمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 16-يانۋار خىتاي-تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى — ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەرگەندە قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ‹بىر خىتاي پرىنسىپى› نى ھەر پۇرسەتتە تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» ئۇ يەنە تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا دائىر تەلەپلىرىنى خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىك قاناللار بىلەن سۈرۈشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىدىكى «سەزگۈرلىكى ۋە تەلەپلىرىنى ئالاقىدار خىتاي ئورۇنلىرىغا ھەر دەرىجىدە يەتكۈزۈپ كەلگەنلىكى ۋە داۋاملىق يەتكۈزۈدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلماسلىق، بۇ رايوندىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىشنىڭ سەل ئالدىدا، «نىككېي ئاسىيا» گېزىتى «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ۋاكسىنىسىغا تېگىشىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، بەزىلەردە خىتاي سىنوۋاك ۋاكسىنىسىنى كوزېر قىلىپ، تۈركىيەنى «خىتاي-تۈركىيە جىنايەتچى ئالماستۇرۇش كېلىشىمى» نى ماقۇللاشقا قىستاۋاتامدۇ، دېگەن گۇمان قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.