29-دىكابىر كۈنى تۈركىيە مالىيە مىنىستىرلىقىغا تەۋە «ئىقتىسادىي جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش كومىتېتى» (MASAK) بىلەن «خىتاي پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش نازارەتچىلىك ۋە ئانالىز مەركىزى» (CAMLMAC) ئوتتۇرىسىدا «پۇل يۇيۇش ۋە تېرورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك پۇل-مۇئامىلە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئىمزالانغان.
مەزكۇر كېلىشىمنامە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان.
كىلىشىمنامىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «پۇل يۇيۇش، تېرورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۇل-مۇئامىلە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» توغرىسىدا ھەمكارلىق ھاسىل قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن «تېرۇرچى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان ۋە باستۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كونترول قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كېلىشىمنامە بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى جىنايەتكە چېتىشلىق دەپ قارىغان كىشىلەر ياكى شىركەتلەرنىڭ مالىيە سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلىرىنى بىر بىرىگە تەمىنلەپ بېرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئەدلىيەسى مۇستەقىل بولمىغان ۋە «تېرۇرلۇق» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كېلىشىمنامىلەر ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئەنقەرە ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىنىڭ تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جەمىل چېچەك ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر ھەمكارلىق، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ، دەپ ئويلايمان. مېنىڭچە، پۇل يۇيۇشقا ۋە تېرورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە قارشى تۈزۈلگەن مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ سۈيئىستېمال قىلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ئائىلىسىگە پۇل ئەۋەتكەن ئۇيغۇرلار ‹تېررورلۇق ھەركەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى› بىلەن ئەيىبلىنىشى ۋە سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئۇيغۇرلارنى بىچىت قىلىش ۋە ساختا دەلىل يارىتىش مەقسىتى بار. مەزكۇر ھەمكارلىقنىڭ تۈركىيىگە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. خىتاي مەزكۇر كېلىشىمنامە ئارقىلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەدىن مۇھىم ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.»
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېلىشىمنامە ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك زىل ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىيەلەيدىكەن. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېرۇرلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر ۋەزىيەتتە، مەزكۇر كېلىشىمنامە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر كېلىشىمىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئادۋۇكات جەمىل چىچەك ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ۋە ئېچىلغان سوتلارنىڭ كۆپىيىشى، بەزىلىرىنىڭ قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە سولىنىشى، ھەتتا يېقىندا باشلانغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرۇش رۇخسىتىنىڭ سەۋەبسىزلا توختىتىۋېتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنسىز ۋە قاچقۇن ھالەتتە ياشاشقا زورلىنىشى قاتارلىقلار، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم سىياسىتىگە قىلىنغان ياردەمدىن باشقا نەرسە ئەمەم. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى سۈپىتىدە سۆيۈپ كەلگەن تۈركىيەنىڭ بۇ كىلىشىمنامىگە ئىمزا ئېتىشى، نۇمۇس قىلارلىق بىر ئىشتۇر.»
كېلىشىمنامە بويىچە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغان ياكى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى ۋە خەلقئارا كىلىشىمنامىلەرگە خىلاپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەزكۇر تەلەپنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتى يوق ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەمبەھرىلىنىشىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-نىزاملارغا قانچىلىك ئەمەل قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.