تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت بىرلەشمە گۇرۇپپا باشلىقى تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھاققى مۇسا(Ismail Hakki Musa) 30-يانۋار ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

ئىسمائىل ھاققى مۇسا سابىق تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 2022-يىلى 12-ئايدا، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشىغا خىتاينىڭ يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن بېرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ 2017-يىلى «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىدىن بۇيانقى 6-7 يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان تۇنجى تۈرك باش ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 2019-يىلى 4-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، شى جىنپىڭ تۈركىيەنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. لېكىن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا خىتاينىڭ كاشىلا چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

2023-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق رەسمىي باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئىسمائىل ھاققى مۇسانىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن «خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا جىددىي پوزىتسىيە بىلەن ئورتاق زەربە بېرىش، دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» نى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆز تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. بىز 31-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىز ئېلىنمىدى. ئەمما تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ 30-يانۋار فېيسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىمۇ، ما شىڭرۈي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەت سۆھبەتتە باش ئەلچى ئىسمائىل ھاققى مۇسا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان تۈرك كارخانىچىلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدا «كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلارنى ئالغا سۈرۈشكە ئائىت ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى» تەكىتلەنگەن. بۇ زىيارەت تۈركىيەدىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ ئانچە دىققىتىنى قوزغىمىغان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، كېلەچەك ۋە سائادەت پارتىيەلىرىنىڭ پارلامېنت بىرلەشمە گۇرۇپپا باشلىقى سەلچۇق ئۆزداغ (Selçuk Özdağ) 31-يانۋار بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ زىيارەتنىڭ ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

سەلچۇق ئۆزداغ مۇنداق دېدى: «خىتايدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىلايەتلەرنى زىيارەت قىلىشى ياخشى ئىش. لېكىن بۇ چالا ۋە يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، بۇ يەردە يىللاردىن بېرى كىشىلەر ئازاب چېكىۋاتىدۇ. تىلىمىز، دىنىمىز، ئىبادەت ئەركىنلىكىمىز تارتىۋېلىندى، لاگېرلار قۇرۇلدى، دېيىشمەكتە. شۇنىڭدەك سىرتتىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تۈركلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن. بۇ جايدا ناھەق قاماش، ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بار. تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشى ياخشى، ئەمما بۇ مەسىلىلەر سۆزلىنىشى كېرەك.»

سەلچۇق ئۆزداغنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيە باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئەمەلىي قەدەم بېسىشى كېرەك ئىكەن. سەلچۇق ئۆزداغ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 3-4 يىل ئاۋۋال پارلامېنت سۈپىتىدە ئۇ يەرگە بارىمىز دېگەن. لېكىن ھازىرغا قەدەر بارالمىدۇق. پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇ يەرگە بارماقچى، بىز پارلامېنت ئەزاسى سۈپىتىدە تەكشۈرۈشتە بولماقچى ئىدۇق. باش ئەلچى بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرسۇن، بىر تەرەپتىن پارلامېنت بىلەن دىئالوگ قۇرسۇن، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بارسۇن. دىئالوگ ۋە ئۆزئارا زىيارەت ياخشى ئىش. بۇلار نورماللىشىشنىڭ بېشارىتى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەمىلى قەدەملەرنى بېسىشنى كۈتىمىز.»

ئىسمائىل ھاققى مۇسانىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى ب د ت نىڭ 23-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان. ئەمما ئىسمائىل ھاققى مۇسانىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە ئالاھىدە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭىشىنىڭ 30-يانۋار باشلانغان 2-ئومۇمى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئىككى يىغىن تۇنجى قېتىم بىر قىسىم چەت دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى، ئاتالمىش خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى، مۇھاجىرلار، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋلىق زاتلارنى تەكلىپ قىلغانىكەن. كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى 31-يانۋار رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئىككى يىغىنغا چەتئەل ئاخباراتى ۋە دىپلوماتلىرىنى تەكلىپ قىلىشى، ئۇنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، باش ئەلچى ئىسمائىل ھاققى مۇسانىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان يەرلىكتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى، ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشنى، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەن.

پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغنىڭ ئېيتىشىچە، باش ئەلچى ئىسمائىل ھاققى مۇسا ئۇنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر رايونى بىلەن تېررورلۇققا جىددىي پوزىتسىيە بىلەن ئورتاق زەربە بېرىش ھەققىدىكى سۆزلىرىگە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك ئىكەن. سەلچۇق ئۆزداغ: «باش ئەلچى بۇ ھەقتە باياناتتا بولۇشى كېرەك، زۆرۈر بولسا مەنمۇ باش ئەلچى بىلەن بىر تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنىڭدىن بۇلارنى سورىشىممۇ مۇمكىن. (شەرقىي تۈركىستان) دا تېررورلۇق ھەرىكىتى يوق. ئۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق تەلىپى بار. ئەگەر غەرب دۇنياسىنىڭ سۆزى يالغان بولسا، ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىغان بولسا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلمايۋاتقان بولسا، ئۇ يەردە زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولمىسا، ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىنمىغان بولسا، ئەمىسە خىتاي ئىشىكىنى ئاچسۇن» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ما شىڭرۈينىڭ ئىسمائىل ھاققى مۇسا بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيە بىلەن سودىنى كۈچەيتىش، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە ئۇنىڭ: «رەئىس شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ۋە مىللىي گۈللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە شىنجاڭغا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېرىلدى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق ئىجرا قىلىۋاتىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە «ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش، سىياسىي ئامىللارنى سۆھبەتكە ئارىلاشتۇرماسلىق» نى تەكىتلەيدىكەن.