تۈركىيە پارلامېنتى ئەدلىيە كومىتېتى: «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تېخى كۈنتەرتىپكە كەلمىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.02.19
تۈركىيە پارلامېنتى ئەدلىيە كومىتېتى: «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تېخى كۈنتەرتىپكە كەلمىدى» كورونا ۋىرۇس مەزگىلىدە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېچىلىۋاتقان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 23-ئاپرېل.
AFP

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى 7-ئايدا ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭغا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. بۇ توغرىلىق 17-فېۋرال كۈنى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى ئەدلىيە كومىتېتى مەسئۇلى يىلماز تۇنچ ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇنىڭ باش مەسلىھەتچىسى سىنان ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ تېخى كومىتېتنىڭ كۈنتەرتىپىگىمۇ كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەرتىپ بويىچە ئالدى بىلەن كومىتېتقا كېلىدۇ، كومىتېتتا مۇزاكىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقتىدا ھەممە كىشى خەۋەردار بولىدۇ. قاچان كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن».

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى چاغاتاي قىلىچ ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇنىڭ كاتىپى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› كومىتېتنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلدىمۇ يوق؟ بۇنى بىلمەكچىمۇسىز؟ مەن بۇنى مەتبۇئات ئىشلىرىمىزغا مەسئۇل نەسلىخان خانىمغا يەتكۈزۈمەن، ئۇ، سىزگە تېلېفون قىلىپ مەلۇمات بېرىدۇ».

لېكىن، بىز ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە تېلېفون ساقلىغان بولساقمۇ جاۋاب كەلمىدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە باغلىق، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى خالىسا پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويىلىدۇ».

«سىزچە ماقۇللۇقتىن ئۆتەرمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تازا ياخشى بىلمىگەچكە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما مەن بۇلارغا ئىشەنمەيمەن. لېكىن بىر ئۈمىدىم بار، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى رەت قىلىپ قول كۆتۈرۈشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ تارىخىي بىر مەسئۇلىيەت».

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى دەپ خەۋەر تارقاتتىڭىز؟ بۇ ئىشەنچىلىك خەۋەرمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەزكۇر كېلىشىم ھازىر كومىتېتتا كېلەر ھەپتە ئومۇمىي يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى دەپ يالغان گەپ قىلدى. مەن ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەزكۇر كېلىشىم ئالدىمىزدىكى ھەپتە تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ، 15-20 كۈندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ».

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەت كەمال ئەرئوزان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئارقىلىق مۇنداق ئۇچۇر يوللىدى. «تېخى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ كۈنتەرتىپىگىمۇ كەلمىدى».

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» دىن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى، تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنىڭ ماقۇللانماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيىتقان. مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ كېلىشىمنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

«جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش» كېلىشىمىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى ئۈچۈن د ئۇ ق ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.