تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 25-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ باياناتىدا ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، رايونلۇق مەسىلىلەر، كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسى، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر» نى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم سىياسىي ئۇچرىشىش دەپ قارىماقتا.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى، كورۇنا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ۋە بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىرقانچە مەسىلە كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نىدە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى تۇرسۇنجان ئابلەت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىملىق تۈركىيە زىيارىتىدە ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ۋاكسىنا ئاساسلىق تېما بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ يىل تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹مىللەت نۆۋىتى› پائالىيىتى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قالايمىقان تۇتۇلۇشى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلۇش ئېھتىماللىقى دېگەندەك تېمىلار تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلاردا كەڭ يەر ئېلىپ، تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى خەلقلەرنىڭ، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرى ھۆكۈمەتنى قىيىن ئەھۋالدا قويماقتا. بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئازراق بولسىمۇ نەتىجە قازىنىشنى ۋە بۇ ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خىتايمۇ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدىكى پائالىيەتتىن راھەتسىز بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئوخشاشلا خىتايمۇ تۈركىيەدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى تېزرەك قانۇنلاشتۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىپ جازالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ بۇ تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ئېنىق، لېكىن سۆھبەتتىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ياخشى بىر نەتىجە چىقىش ئېھتىماللىقى كىچىك دەپ ئويلايمەن».
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىكى كۈنتەرتىپىنى ئانالىز قىلغان TGRT Haber TVنىڭ رىياسەتچىسى ئەكرەم ئاچىكئەل ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا بۆلىكىدىكى قارا دېڭىزدىن مارمارا دېڭىزىغا ئېچىلىشى پىلانلانغان سۇ يولى لايىھەسى «قانال ئىستانبۇل» قۇرۇلۇشىدا خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىشىش ئېھتىماللىقىنىمۇ تىلغا ئالغان.
تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر تېما بولۇش سۈپىتى بىلەن «قانال ئىستانبۇل» مەسىلىسى ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.
ئەكرەم ئاچىكئەل تۈركىيەنىڭ «قانال ئىستانبۇل» قۇرۇلۇشىدا خىتاينىڭ ئىنژېنېرلىق تېخنىكىسى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن مەدەت كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ غايەت زور ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا كېتىدىغان زور سوممىلىق قەرزنى كوزىر قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەدە سىياسىي نوپۇزغا ۋە تەسىر كۈچكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئاتاۋۇللا 25-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.
غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈنتەرتىپتە تۇرۇشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ زىيارىتىدە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مىللەتچىلىك ۋە سىياسىي ئىسلام تەشۋىقاتلىرىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرمەكتىكەن.
18-چېسلا ئالياسكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەسى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پاسسىپ پوزىتسىيەسىنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.
تۈركىيەنىڭ 25-مارت خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىش كەلمەسلىك مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
تۈركىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاق پارتىيەنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن دىئالوگ ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خىتاي ۋەكىللەرگە داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ خىتاينى ئوچۇق شەكىلدە تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى مۇھەممەت ئاتاۋۇللا خىتاي تۈركىيە ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىش كەلمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىغا قارايدىغان بولساق خىتاي تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق بىر سۆھبەتتە شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى تېمىنىڭ سىرتىدا قالغان ئەمەس، قالمايدۇ. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ.
بىرىنچىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ تونىلىۋاتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايلاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمۇ خىتاي تەرەپنىڭ نەزىرىدىن ساقىت ئەمەس. بۇ خىتاينىڭ ئوبرازىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇ نۇقتىلاردىنمۇ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئۈچىنچىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. تۈركىيە بىر تەرەپتىن خىتايغا چوڭ ئىش قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى پەش قىلالايدۇ ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدىن مىننەتدار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلالايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن تۈركىيەدىكى جامائەت پىكرىگە جاۋاب ھازىرلىيالايدۇ».
خىتاي-تۈركىيە ئۇچرىشىشى ئۇيغۇر مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىۋاتقان، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرى تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا قارىماي داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر 25-مارت تۈركىيە خىتاي ئۇچرىشىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلۇق سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.
