ئارداخان كۆچمەنلە ئىدارىسى مۇدىرى: «تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار، لېكىن تۈركىيەگە ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلمايدۇ»

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتايدىن يىراقتا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت تۈركىيە چېگراسىدىن چىقىرىۋېتىلىش ۋەھىمىسىدە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. NPR نىڭ خەلقئارالىق مۇخبىرى جوھانا كېكىس 2019-يىلى ئىيۇندا رەسمىي تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ تۋىتتېر ھېسابىدا بۇ تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنۇلارنى يازغان: «نۆۋەتتە مۇخبىرلارنىڭ كۆپىنچىسى كورونا ۋىرۇسى بىلەن بەند بولۇپ قالدى، ئەمما مەن سىلەرنىڭ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، NPR تەييارلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەر، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى، ئۆگىرىۋاتقان دۇنيا كۈچلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى ئاڭلىشىڭلارنى، ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»

جوھانا كېكىس 13-مارت «ئەمدى بىخەتەر بولىدۇ دەپ ئويلىغان: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى. NPR مۇخبىرلىرى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇلار تۈركىيەدىكى ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قانداق قولغا ئالغانلىقى، نېمىشقا ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەركەزلىرىگە ئايلارچە سولاپ قويغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

تۈركىيەدىكى بىر پائالىيەتچى NPR مۇخبىرىغا «مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ كەم دېگەندە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلغان،» دېگەن. بىر ئادۋوكاتمۇ ئۆزىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، «ۋەتەنسىز كۈي» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى ئابدۇرەھىم ئىمىن پاراچ ئۆزىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق تۇتۇلۇش جەريانىنى، ساقچىلارنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىنى ئەسلەپ: «خىتايغا قارشى چىقسىڭىز، قەيەردە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سىز تەھدىت ھېسابلىنىسىز،» دېدى.

2014-يىلى تۈركىيەگە كەلگەندىن بېرى ئىككى قېتىم تۇتۇلۇپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇش مەركەزلىرىدە يېتىپ چىققان ئابدۇرېھىم ئىمىن پاراچ ئەگەر باشقىلارمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ قالسا، نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، قورقۇپ ۋە ھودۇقۇپ كەتمەي چوقۇم ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. پاراچنىڭ دېيىشىچە، كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ھەقسىز ئادۋوكات بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ھەرقانداق كىشى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلغان ئەنۋەرمۇ بىر قانچە قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە «ئون كۈن ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىش» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغان. ئەنۋەرگە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ساقچىسى تېلېفون قىلىپ، «سېنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلىمىز، نامايشىڭنى توختات،» دەپ تەھدىت سالغان. ئەنۋەرنىڭ تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسىتى ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. ئەنۋەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزى ئۇچراۋاتقان ئەھۋاللارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، چوقۇم ئادۋوكات تۇتۇش كېرەكلىكىنى، ساقچىخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندا ئادۋوكات كۆرۈپ چىقمىغان ھېچقانداق ھۆججەتكە قول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىسى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىن بىر بولغان ئارداخان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بۇغرا توتان ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئەسلىدە ئۇيغۇرلارغا ئايرىم ياخشى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇلارغا تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلىۋاتىدۇ. يېقىندا يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە تىزىملاش باشلىنىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە ئۇيغۇرلارغا ئايرىم سىياسەت يۈرگۈزگەن ئەھۋال يوق. بەلكىم بەزىبىر گۇرۇپپىلارغا ئەزا بولۇپ، تىزىملىككە كىرىپ قالغانلار بولسا دۆلەت بىخەتەرلىك ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن پايدىلىق سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدا كۆچمەنلەر كۆپ بولغاچقا نورمال كۆچمەنلەرنىمۇ ياقتۇرمايدۇ. شەھەرنىڭ كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش يۈكى ئېشىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار، شۇڭا تۈركىيە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايدۇ. لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتمۇ ھەممەيلەنگە بېرىلمەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت دېگەنلىك تۈركىيەدە ئۆمۈرلۈك تۇرۇش ھەققىگە ئېرىشتى دېگەنلىك. ئەگەر تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەت ياشاشنى داۋام قىلسا، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئۇنىڭدا چاتاق يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەگە ھەرقانداق دۆلەت ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېسىم چۈشۈرەلىشى ناتايىن. چۈنكى تۈركىيەدە مىللىيەتچى توپلۇمنىڭ تەسىرى خىلى بار، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ھەقسىزلىق قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مەسىلەسى بولسا، ئۇلارغا دەردىنى چۈشەندۈرگۈدەك بىر يەر چوقۇم چىقىدۇ. ئەگەر بىر قالايمىقان ئىشقا ئارىلىشىپ قالمىغانلا بولسا، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىيەنى ئىككىنچى ۋەتەن دەپ قارايدۇ. قەيسەرى قاتارلىق باشقا يەرلەردە ئۇيغۇرلار كۆپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر ئىش يۈز بەرگەندە بىر شەكىلدە خەۋەر قىلىنىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ كۈچى چوڭ. ئەگەر بىر مەسىلە بولسا تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىسا بولىدۇ. تۈركىيەدە چوقۇم ئىگە چىقىدىغان بىر يەر چىقىدۇ. مېنىڭ پىكرىمنى سورىسىڭىز، راستىنلا تۈركىيەدە قىيىنچىلىقتا قالغانلار بار، لېكىن ئۇلار دېگىنىمىزدەك مىڭدىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولساڭلار بولىدۇ.»

تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا زىننەتگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.