خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

25-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

2020-يىلى 18-دېكابىردىن ئېتىبارەن خىتاي ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى پائالىيىتىنىڭ 98-كۈنىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى ئەيىبلەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشتىراك قىلدى. «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم ۋە مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قىلىنغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 25-مارت، ئىستانبۇل.

ئوخشاش ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق 29 نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئىستانبۇل بايازىت مەيدانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشتى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن مۇھەممەت ئېلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قېلىنىپ كەلمەكتە. ئامېرىكانىڭ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ماس قەدەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىتتىپاق ئورنىتىشى خىتايغا قارشى كەسكىن سىگنال دەپ قارىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشى مۇھىم سىياسىي مەقسەتكە ئىگە ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە ئۇيغۇر سىياسىتىدە، مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا ھالقىلىق تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ دەپ قارىماقتا.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى تىۋىتتىر ھېسابىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى چۈشەنچە ۋە تەلەپلىرىنى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە قايسى جەھەتلەردىن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە سۆھبەتنىڭ جەريانىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىس مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى غەربىنىڭ كەسكىن پوزىتسىيەسى تۈپەيلى تۈركىيە جەمئىيىتىدە قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كەسكىن بىر تاللاشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.