تۈركىيەدىكى بەزى شەھەرلىك پارلامېنتتىكى پارتىيەلەر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.05.26
تۈركىيەدىكى بەزى شەھەرلىك پارلامېنتتىكى پارتىيەلەر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى تۈركىيەنىڭ چۇكۇروۋا شەھەرلىك پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئابەيدۇللاھ قولجۇ ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى ماي.
Social Media

تۈركىيەدىكى بەزى شەھەرلىك پارلامېنتلار ۋە بەزى تەنتەربىيە مەستانىلىرى ئۇيۇشمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار مەزكۇر باياناتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «بۇ ھەقتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش» قا چاقىردى. تۈركىيەنىڭ چۇكۇروۋا شەھەرلىك پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئابەيدۇللاھ قولجۇ ئەپەندى، ياخشى پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلى نەۋزات خىز ئەپەندى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۆزگۈر ئاتەش ئەپەندى ئورتاق تەييارلىغان باياناتنى شەھەرلىك پارلامېنتتا ئوقۇغان. 25-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا، بۇ مەسىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى 2016-يىلىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرى باشتا بارلىق تۈركىي قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. ئەپسۇسكى بۇ جىنايەت كۈنىمىزدىمۇ داۋام قىلماقتا. خىتاي تېررورغا قارشى كۆرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا تاشلىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلار ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە دۇچار بولماقتا، ئۇيغۇر خانىم-قىزلار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا، تۇغماس قىلىپ قويۇلماقتا. بۇنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ دەرھال ھەل قىلىش يولىنى تېپىشى كېرەك».

چۇكۇروۋا شەھەرلىك پارلامېنتتىكى 3 سىياسىي پارتىيە ئورتاق ئېلان قىلغان بايانات مۇنداق ئاخىرلاشقان: «بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، ياخشى پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا داۋام قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم تۈگىگۈچە ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا داۋام قىلىمىز».

بۇنىڭدىن باشقا ئىزمىر قاراباغلار شەھەرلىك پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەت ۋە ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. مەزكۇر باياناتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىق رولى ئوينىشى كېرەكلىكى، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇلاردىن سىرت تۈركىيەنىڭ بېشىكتاش ۋە فەنەرباغچە تەنتەربىيە قۇلۇپلىرى مەستانىلىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى پېشقەدەم سىياسەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ھازىرغىچە بۇ خىل ئورتاق باياناتلاردا ئورۇن ئالمىغانلىقىنى، چۇكۇروۋا شەھەرلىك پارلامېنتتىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئورتاق ئېلان قىلغان باياناتقا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى، بۇنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلىشى، تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھۆكۈمەتكىمۇ تەسىرى بولىدۇ. بىز تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەتتا بەزى تەنتەربىيە قۇلۇپلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى زور ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدىكى 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغانىدى. تۈركىيەدە 78 مىڭ ئەتراپىدا ئادۋوكات بار بولۇپ، بۇ ئادۋوكاتلار 81 ئادۋوكاتلار ئىدارىسىغا ئەزا بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىن 73 ئادۋوكاتلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئىلگىرىلەش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.