تۈركىيە خىتايدىن تور ئارقىلىق مال سېتىۋېلىشقا يۈز پىرسەنت باج قويدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن، 7-ئاۋغۇست تۈركىيە دۆلىتىنىڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى «ھۆرىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان قاراردا، تور ئارقىلىق سېتىۋېلىنغان ماللارغا قارىتا ئىككى مۇھىم تەدبىر ئېلىنغان. بۇلاردىن بىرى تور ئارقىلىق تاموژنا بېجىسىز سېتىۋېلىنىدىغان مالنىڭ قىممىتى 150 ياۋرودىن 30 ياۋروغا چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچىسى بۇلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ مىقدارى ياۋروپادىن كېلىدىغان ماللارنىڭ 50 پىرسەنت، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كىرىدىغان ماللارنىڭ 100 پىرسەنت ئۆستۈرۈلگەن.

«ھۆرىيەت گېزىتى» دە 7-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىن تور ئارقىلىق سېتىۋېلىنىدىغان ماللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكى، بۇ ماللارنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى قارار، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر قارار 21-ئاۋغۇست كۈنىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدۇ».

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 6-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا تۈركىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنا بېجىنى 40% گە ئۆستۈرگەنىدى. بىراق، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ماشىنىسازلىق شىركىتى ب ي د (B Y D) نىڭ پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا تۈركىيەدە ماشىنىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇشى ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويۇلغانىدى. مەزكۇر كېلىشىم، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتىدە بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىغا ئائىت ئىدى. ئۇنداقتا ئەمدىلىكتە تۈركىيەدە خىتاي ماللىرىنى تور ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا قارىتا بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ قويۇلۇشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولار؟

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى، تۈركىيەدە تور بىلەن سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ كۆپىنىڭ ئەزان باھالىق خىتاي مېلى ئىكەنلىكىنى، بۇ قارار ئارقىلىق تۈرك ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى خىتاينىڭ تور ئارقىلىق سېتىۋاتقان ماللىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى، شۇڭا بۇ قارارنىڭ ئوچۇق ئېيتىلمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى بىلەنمۇ چېتىشلىقى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ قارارنىڭ تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىش مەقسىتى بىلەن ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە خىتاينىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى بار. خىتاي تۈركىيەگە كۆپ مال سېتىۋاتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ بازىرىغا ئايلاندى. خىتاي مېلىغا قارىتا بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى توغرا دەپ ئويلايمەن. دۆلىتىمىز خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ئىزچىل ھالدا زىيان تارتىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى خىتاي تۈركىيەگە 40 مىليارد دوللارلىق مال ساتقان، تۈركىيە خىتايغا ئاران 3 يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ساتالىغان. شۇڭا تۈركىيە بۇ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ تەڭپۇڭسىزلىق ئازايتالايدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئۆمەر قۇل ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن «شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىشىنىمۇ تەلەپ قىلىدىغانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارارنىڭ ئېلىنغانلىقى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. خۇدا بۇيرۇسا بۇ خىل قارارلار داۋاملىق ئېلىنار. خىتاينىڭ ئالدىنى توراش ئۈچۈن شەخسى شىركەتلەر ۋە دۆلەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنى بۇنداق قارار ئېلىشقا چاقىرىپ كەلگەنىدۇق. ئاخىرىدا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇنداق بىر قارار ئېلىشى ناھايىتى ئورۇنلۇق. مەن يېقىن كەلگۈسىدە ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنىڭمۇ تۈركىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.».

تۈركىيەدىكى چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ 75 پىرسەنتى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكادىن كىرگەن. تۈركىيە تىجارىتىنىڭ 65 يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. تۈركىيە-خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا ئىككى دۆلەت سودا مىقدارىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىق ۋەدىلىرى بېرىلمەكتە. تۈركىيە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى كۈتۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، خىتاي تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان 20 دۆلەت ئىچىدە يوق ئىكەن.