تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىق قىلىش مەركىزى بولغان «21-يۈز يىل تۈركىيە ئىنستىتۇتى» يېقىندا «خىتاي تەھدىتى: سوغۇق ئۇرۇش كوممۇنىزمدىنمۇ خەتەرلىكمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى.
ماقالىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغاندا، چېخ جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسىدا ئېيتقان، خىتاينىڭ غەربكە ۋە دۇنياغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ كەلگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشىلا ئەمەس بەلكى خىتاي «ئىمپېرىيەسى» نى كېڭەيتىشتىكى مەقسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنى-ئېتىقادى، ئېتنىك كىملىكى تۈپەيلىدىن لاگېرلارغا سولاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سوئال-سوراقسىز تۈرمىلەرگە بەند قىلىش، ھەتتا خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق «ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلار بىلەن دىنى، ئېتنىك كىملىكى بىر بولغان «تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن 400 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئۆزئارا تاۋار ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىتا كۆزەتكۈچىلەر «ئەجەبا بېيجىڭ ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى سېتىۋالدىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى قويماقتا.
ماقالىگە قارىغاندا ھەتتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە دوللار ئىشلەتمەي يۈەن ئىشلىتىلىدىكەن، تۈركىيە خىتايغا دېڭىز بازىسى قۇرۇشقا يەر بېرىدىكەن. خىتاي تاۋارلىرىدىن باج ئېلىنمايدىكەن.
بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر كېلىشىمنامە تۈزىدىغان-تۈزمەيدىغانلىقى، تۈركىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەسىدە تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەلچىخانا بىزنىڭ سوئاللىرىمىزنى ئەنقەرەگە، يەنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەلچىخانا ئارقىلىق بىزگە ئەۋەتكەن جاۋابنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق: «ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈرك قوۋمىدىن بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى ساقلاپ قالغان ئاساستا، تىنچ-خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز بىزنىڭ مىللىي سىياسىتىمىزدۇر.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىمىز مۇشۇ رامكا ئىچىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. ھەر بىر پۇرسەتتە خىتاي ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاتىرجەم ياشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بىز بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ئىجابىي سۆھبەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىمىز».
ئەلچىخانىنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ئېلخېتىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن «400 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئۆزئارا تاۋار ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورى 24-ئاۋغۇست تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەنقەرەنىڭ بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىشى» دىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنىدى. خەۋەردە ئادۋوكات ئىبراھىم ئەرگىن مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا زور بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا بىزگە، بەش-ئون ئۇيغۇرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش تۈركىيەگە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان».
تۈركىيە «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى، سابىق تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 6-ئىيۇل كۈنى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنە تاجىكىستان قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇشىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تىجارەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى.
سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى يېقىنقى مەزگىللەردىكى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئېغىر بىر ئىقتىسادى كرىزىس بار. قەرز بېرىدىغان باشقا دۆلەت يوق. خىتايدىن ئالغان تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بىلەن خىتايغا تېخىمۇ باغلاندى. غەرب دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن بىرلىككە كېلەلمىگەچكە، تۈركىيەگە قەرز بەرمەيدۇ، مەبلەغ سېلىش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن. شۇڭا تۈركىيەگە خىتايغا ئوخشاش ئىتتىپاقلىشىدىغان دۆلەت لازىم. شەرقى تۈركىستاندا خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالماستىن، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، خىتاي بىلەن تاۋار ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشىنى ۋە باشقا پىلانلىرىنى بىز قوللىمايمىز. ئەلۋەتتە خىتاي، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولسۇن، لېكىن قىممەت قارىشىمىزغا لايىق شەكىلدە مۇناسىۋەت قۇرايلى».
ئامېرىكادىكى «كاتو ئىنستىتۇتى» ناملىق سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ، جۈملىدىن ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيە» سىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللىشى ئەقەللىي بىر ئۇقۇم ئىدى، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلىدە ھەممىمىز تۈركىيەنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئەڭ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىدۇ، ئۇيغۇرلارنى قوغدايدۇ، دەپ ئويلىغان. چۈنكى بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك تارىخى بېغىمىز بار. يىلتىزىمىز بىر، تىلىمىز، دىنىمىز بىر. ئۇيغۇر داۋاسى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەڭ باشتا كەلگەن داۋالارنىڭ بىرى. ئەڭ مۇھىمى يىغىن زامانلاردا تۈركىيە ئۆزىنى مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋاچىسى سۈپىتىدە كۆرسەتتى. پەلەستىن مەسىلىسىنى دائىم ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا تۈركىيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۈركىيە ھازىرغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لاگېرلارنى بىر قېتىم تىلغا ئالغاندىن باشقا ئېغىر سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەتتا زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۈستىگە خىتاينى ئاقلايدىغان پروگراممىلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. تۈركىيەنى خىتايغا يېقىنلاشتۇرۇشقا كۈچەۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يالغانغا چىقىرىۋاتقان بىر گۇرۇھ بار. بۇ گۇرۇھ ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا تەسىر قىلالايدۇ».
مۇستافا ئاقيول «ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز» - دەپ ئەسكەرتىپ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «دوغۇ پېرىنچەكنىڭ رەئىسلىكىدىكى ‹ۋەتەن پارتىيەسى›، بۇرۇنقى ئىسمى ‹ئىشچى پارتىيەسى›ئىدى. بۇ پارتىيە ئەسلىدە تۈركىيەدە بەك كىچىك بىر پارتىيە، ئون يىللاردىن بىرى سايلامدا 0.01 پىرسەنت بىلەتكە ئېرىشىپ كەلگەن. بۇلار ماۋچىلاردۇر. 70-يىللاردىن باشلاپ كوممۇنىزمنى تۈركىيەگە ئەكىرگەن، رۇسىيە، خىتاي مەستانىلىرى. يۈكسەك دەرىجىدە ئامېرىكىغا، غەربكە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان پارتىيە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ‹ئاق پارتىيە› بىلەن يېقىنلاشتى. قىزىقارلىق يېرى شۇكى ئىسلامى پارتىيە بولغان ‹ئاق پارتىيە› ئاتېئىست ‹ۋەتەن پارتىيەسى›نى يېنىغا ئالدى. ھۆكۈمەتنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا پىكىرلىرىنى يېيىشقا سەھنە ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارلىرىدا دوغۇ پېرىنچەكنىڭ تەسىر قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق».
«ئامېرىكا ئاۋازى» خەۋىرىدە ئېيتىلغاندەك، ۋە مۇستافا ئەپەندى تەكىتلەپ ئۆتكەندەك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركى مىللەتلەر تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى ساقلاۋاتقاندا، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن يۇقىرى سوممىلىق ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزۈشى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ غەربتىن ئۇزاقلىشىپ، خىتاي بىلەن يېقىن «دوستلىشىشى» نىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن فەتخۇللاچىلار مەسىلىسى، ئوتتۇرا شەرق تېمىلىرىدا بىرلىككە كەلمەيۋاتىدۇ. ياۋروپامۇ تۈركىيەنى بارغانسېرى ئىسلاملىشىپ كەتتى، دەپ يېقىن كەلمەيدۇ. تۈركىيە ئىتتىپاقداش تاللاشقا دۇچ كەلدى ۋە خىتاي، روسىيەدەك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى. شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىنى كۈنتەرتىپتىن ئۇزاق تۇتۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ».
رادىيومىز 14-ئاۋغۇست كۈنى لاگېر شاھىتلىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق يېقىنلىرىنىڭ تەشكىللىنىپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل سارىيەر رايونىدىكى كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس سۇنماقچى بولغانلىقى، ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ ياشلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەنىدى.
مۇستافا ئاقيول ئەپەندى يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ھازىرقى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان بەزى پارتىيەلەرنىڭمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە بەزى ئىسلامى پاتىيەلەر ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن ئىتتىپاق قۇرغانلىقىدىن نارازى. ئەگەر ئەخمەت داۋەتئوغلىنىڭ ‹كېلەچەك پارتىيەسى›، ۋە باشقا پاتىيەلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلەلىسە ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ».
«كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى پاتىيەسىنىڭ قارارى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹كېلەچەك پارتىيەسى›نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن سەلچۇق ئۆزداغ، سابىق باش مىنىستىر، ھازىرقى ‹كېلەچەك پارتىيە›سىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلى شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى قوللايمىز. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرىنى رەئىسىمىز ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۆلەت مەجلىسىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز».
مەلۇم بولۇشىچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى «ئىقامەت» يەنى تۇرۇش سالاھىيىتى ۋە «پۇقرالىق» مەسىلىسى ئىكەن. تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىزمىردىكى بىر مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ باشقا بەش نەپەر ئۇيغۇر بىلەن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تۈركىيەدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شۇڭا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇقلاشقانسېرى خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى كۈچەيمەكتىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى، ۋە ئەگەر ئۆزىدىن ئەنسىرەۋاتقانلار بولسا ئادۋوكات تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2017-يىلى تۈركىيە خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان. لېكىن ئەگەر ئۆلۈم، قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن قايتۇرمايدۇ. تۈركىيە قانۇنى بويىچە كىملىكلىرىگە بىر قانچە خىل بەلگە ئۇرۇلۇپ قالغانلار بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقلار بولسا ئادۋوكات تۇتۇپ ئۆزىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك».
0:00 / 0:00