تۈركىيەنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە بېقىنىپ قىلىشى ئىتتىپاقداشلىرىنى بىئارام قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.10.13
erdoghan-5G-heqqide.jpg تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 5G تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 10-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Azigh

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ۋە شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەدە خىتاي تەسىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈنسېرى خىتايغا يېقىنلىشىۋاتقان تۈركىيەنىڭ تېلېگراف، تېخنىكا ۋە ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدا خىتايغا بېقىنىپ قىلىشى تۈركىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەھدىتىگە قارشى ئىتتىپاقداشلىرىنى دەرھال تەدبىر ئىلىشقا چاقىرماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو يېقىندا ۋاس «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ خۇاۋېي قاتارلىق تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تەمىناتىنى قوبۇل قىلىشنىڭ چوقۇم بەدىلى بولىدۇ. ئاقىۋەتتە بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىدۇ. بۇ پەقەت شەرقى-جەنۇبىي ئاسىيا ياكى تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ ئوخشاش.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسەت بىلىملىرى دوكتۇرانتى ياقۇپ مۇھەممەت بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇشى سۈپىتى بىلەن خىتاي بىلەن يېقىنلاشقانسېرى، ئامېرىكانىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى تەبىئىي ئەھۋال. تۈركىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي ئەمەلىيەتچانلىق ۋە گىئو-ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن ئىككىلىنىش مەۋجۇت. خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنىڭ پەقەت ئىقتىساد ۋە سودا جەھەتتىنلا ئەمەس، بىخەتەرلىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئىكەنلىكى ئېنىق. تۈركىيە خىتاي بىلەن بىر سەپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن، كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرۇشى ناتايىن. لېكىن ئوخشاش ۋاقىتتا ئىقتىسادىي كرىزىس ھارپىسىدا خىتايدىن كېلىدىغان مەبلەغ تۈرلىرىگە ئېھتىياجى بار. بۇ نۇقتىلارنى چىقىش قىلغاندا، بارغانسېرى دېموكراتىك قىممەت قارىشىدىن يىراقلىشىۋاتقان ۋە غەربنىڭ لىبېرال ئىقتىسادىي سىياسەت سىزىقىدىن چىقىپ كېتىپ بارغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئورۇنسىز ئەمەس. تۈركىيەنىڭ بارغانسېرى خىتاي شىركەتلىرىگە بېقىندى بولۇپ قېلىشى، خىتاينىڭ رايوندىكى كۈچىنى كۈنسايىن ئاشۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە كۆرۈنەرلىك زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سىرتىدا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئارزۇسى بولغان بىر دۆلەتنىڭ، خەلقئارالىق سەھنىدە ھاكىممۇتلەق قىممەت قاراشلىرىنى تەرغىب قىلىۋاتقان بىر دىكتاتور دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى ۋە بېقىنىپ قېلىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەم خەلقئارالىق سەھنىدە ھەم دۆلەت ئىچىدە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە خەلقئارالىق ئىككى چوڭ قۇتۇپ ئارىسىدىكى ئىككىلىنىشى، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق تالىشىش جېڭىنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ.»

مايىك پومپېيۇ تۈركىيەنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان بېقىندىلىقىنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي شىركەتلىرى ئۇچۇرلارنى دۆلەتكە بېرىدۇ. بىز ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن. جۇمھۇرىيەتچى سەناتور جونسۇن، 23 سېنتەبىر «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىدا سۆز قىلغاندا، ئامېرىكالىق ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىمالىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، سەناتور تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئەردوغان ھەققىدە توختىلىپ: «ماڭغان يولى توغرا ئەمەس، تۈركىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىمىز تەھدىت ئاستىدا» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ ئامېرىكاغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق تېلېفون ئۈسكۈنىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە ئەركىن يول ئىچىپ بېرىدۇ. بۇ پەقەت تۈركىيەگىلا ئەمەس، تۈركىيە بىلەن بىرگە ش ئا ئە ت ۋە ئامېرىكاغىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. پومپېيونىڭ تۈركىيەنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ مەقسىتى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ، ئامېرىكا ۋە غەربىنىڭ تېخنىكىسىنى خىتاينىڭ تۈركىيە ئارقىلىق پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كوممۇنىست سوۋېت رۇسىيەسىگە قارشى قۇرۇلغان. بۈگۈن ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈركىيە بۇنىڭدىن يىراقلاشسا، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. چۈنكى شى ئا ئە ت غا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىسى گىرەلەشكەن. خىتاي ئامېرىكادىن ئوغرىلىيالمىغان تېخنىكىنى تۈركىيە ئارقىلىق ئوغرىلاشقا تىرىشىشى مومكىن.»

تۈركىيەنىڭ تېلېگراف ۋە تېخنىكا جەھەتتىن خىتايغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى ۋە ئارقىمۇ-ئارقا ئىمزالانغان تېلېگراف كېلىشىمنامىلىرى كۈنسېرى دىققەت قوزغىماقتا. «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف شېرىكى تۈركسەل فېۋرالدا يانفون يۇمشاق دېتاللىرى مۇئەسسەسىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن خۇاۋېي بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان. تۈركسەل، يۇمشاق دېتال دۇكىنى ئارقىلىق ساقلىغۇچ خىزمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان خۇاۋېي يانفون خىزمەتلىرى «HMS» سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن تۇنجى چەتئەللىك تېلېگراف شىركىتى بولۇپ، ئاخباراتچىلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركسەلنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەركان بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدىن 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە «HMS» سىستېمىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر مىليون قول تېلېفون سېتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

تونۇلغان ژۇرنالىست گۈنتاي شىمشەك «خەۋەر تۈرك» گېزىتىدىكى «خىتاينىڭ خۇاۋېي مۇنازىرىسىدە تۈركىيە قەيەردە؟» ناملىق يازمىسىدا ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان تۈركىيەدىكى تېلېگراف كەسپىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بىرىنىڭ: «بىز دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىجارىتىمىزگە قارايمىز. ھازىر تۈركىيەنىڭ تېلېگراف پونكىتى ئۈسكۈنىسىنىڭ 75 پىرسەنتى، يادرولۇق تور سىستېمىسىنىڭ 50 پىرسەنتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى. بۇنى ئامېرىكانىڭ گېپى بىلەن ئۆزگەرتەلمەيمىز،» دېگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

قول تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ بازار پېيىغا مۇناسىۋەتلىك ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، تۈركىيەدە خۇاۋېي ۋە شياۋمېينىڭ بازار پاي نىسبىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، ماي ئېيىدا خۇاۋېي 13.61 پىرسەنت، شياۋمېي بولسا 6.81 پىرسەنت ئۈلۈشنى ئىگىلىگەن.

زىيارىتىمىز داۋامىدا ياقۇپ مۇھەممەت، خىتاي شىركەتلىرى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بازار ئىگىلىكى ئىقتىسادىي مودېلىنى ئاساس قىلغان. بۇ ئىقتىسادىي شەخسىي ئىگىلىكلەرگە، يەنى شىركەتلەرگە دۆلەت بىۋاسىتە ئارىلىشالمايدۇ. ئەركىن رىقابەت تەرغىب قىلىنىدۇ. ئەگەر شىركەتلەر قانۇن تۈزۈملەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا مەشغۇلات قىلسا، باجنى ۋاقتىدا تاپشۇرسا، باشقا جەھەتتىن دۆلەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ئىش قىلمايدۇ. لېكىن، خىتايدا ئاتالمىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى مودېلى دۆلەت كاپىتالىزم ئەندىزىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، دۆلەت قىسمەن جەھەتتىن شەخسىي ئىگىلىككە يول قويسىمۇ، مۇھىم تۈر ۋە ساھەلەردىكى بازارنى دۆلەت قولى بىلەن مونوپول قىلىۋالىدۇ ياكى شىركەتلەر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ تىزگىنلىشىچە، ھۆكۈمەت سىياسىتىگە بويسۇنغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئەڭ پەرقلىق نۇقتىلىدىن بىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تايانغان مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيىتى دۆلەت تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان شەخسىي شىركەتلەرگە بېرىلمەكتە. مەسىلەن، خۇاۋېي شىركىتى بىلەن تېلېگراف ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن سامسۇڭ شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولسىڭىز، سىز پەقەتلا بىر شىركەت بىلەن ئىش قىلغان بولىسىز.»

تۈركىيەدىكى خىتايغا يېقىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «ئۇلۇسال قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ باش كونسۇلى: «خىتاي ۋە تۈركىيەنى 5G ھەمكارلىقى كەم-كۈتىسىز ئىلگىرىلەۋاتىدۇ،» دەپ بايانات بەرگەن.

تۈركىيەنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى يېقىنلىشىشى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ھەربىي ھەمكارلىق جەھەتتىن ئەندىشىلەندۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.