23-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بىرلىشىپ، ئەنقەرەدە 2019-يىللىق خىزمەت يىغىنى ئاچقان.
يىغىنغا خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى دېڭ لى، ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇلى سۈي ۋېي ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 40 دەك كىشى قاتناشقان. يىغىندا 2019-يىلى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە مۇكاپات بەرگەن يېڭى قوبۇل قىلىنغان خادىملارغا خىزمەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈركىيەدىكى خىتايلارنىڭ ۋە تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ياردەم قىلغۇچى خادىم بەلگىلىگەن. ھازىرچە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئانتاليا ۋە قاپادوكيا قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتاي ئەلچىخانىسىغا ماسلىشىپ خىتايلارغا بىخەتەرلىك جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغان 48 كىشى قوبۇل قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كىشىلەر خىتايلار تۈركىيەدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىسا، ساياھەت جەريانىدا تۈركلەر بىلەن ئىختىلاپ كۆرۈلسە ياكى بېشىغا كۈن چۈشسە دەرھال بېرىپ، تەرجىمانلىق قىلىپ تۈركىيەگە كەلگەن خىتايلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىكەن.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ 48 كىشى ئىچىدە ئون ئىككىسى ئۇيغۇر ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر بۇ ۋەزىپىنى ئېلىشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ۋەزىپە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەتەندە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرەمدىكىن دەپ ۋەزىپە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئاۋازىنى ئېلان قىلىشىمىزنى رەت قىلدى.
خىتاينىڭ تۈركىيەدە بۇنداق بىر سىستېما قۇرۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىش 2017-يىلى باشلانغان؟ ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز بىر نەپەر تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىغا ئاساسەن تۈركىيەگە كەلگەن ياكى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيەنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولىدىكەن. بۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەن خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايلار كۆپلەپ كېلىدىغان شەھەرلەرگە خىتاي تىلى بىلىدىغان كىشىلەرنى تەيىن قىلىشىغا تۈرك سىياسەتچىلەر قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەپ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ توغرا ئەمەس، تۈركىيە بۇنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى تۈركىيەدىكى چەتئەللىكلەر ۋە ئۆز پۇقراسى بولۇپ ھەممەيلەننىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈركىيە دۆلىتى قوغدايدۇ. تۈركىيە قانۇنىدىمۇ شۇنداق كۆرسىتىلگەن. شۇڭا بۇ يەرگە كەلگەن خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئايرىم كىشىلەرنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەيىن قىلىنىشى توغرا ئەمەس. بۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئابرۇيىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز بۇنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، توسۇشقا تىرىشىمىز.»
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ تۈزۈمنى تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنى قۇرۇپ چىقىشىنىڭ 4 ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋپىدىن قوغداپ قېلىش دېگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى 2017-يىلى خىتاينىڭ تۈركىيەدە بۇنداق بىر سىستېمىنى قۇرۇپ چىقىشىنىڭ خىتاي قۇرغان جازا لاگېرلىرى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايان قىلدى.
قاھرامانماراش شەھىرىدىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى 2017-يىلىدا بۇ سىستېمىنىڭ باشلىنىشىنىڭ جازا لاگېرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ خىزمەتكە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان 12 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ ئاۋازىنى ئېلان قىلماسلىق شەرتى بىلەن بىزگە مەلۇمات بەرگەن بىر ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسىنىڭ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى بالدۇرراق قويۇپ بېرەمدىكىن دەپ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىستانبۇلدىكى ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر سەمەت خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، خىتايغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00